skypeنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر - كەمپۈتەر]
2010-11-04
skypeغا خەتلىتىش ۋە ئۇنىڭ چىرايىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
skypeنى ئىشلىتىشكە باھانە سەۋەپ
ئەسلى يوللىغۇچى: FinalFantasy ، ۋاقتى: 2010-11-4 03:57

Windows Live Messenger پاراڭ مەزمۇنلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە يوللايدۇ، يەنى مەزمۇننى ھېچقانداق ئۇسۇلدا مەخپىيلەشتۈرمەيدۇ، ئۈچىنىچى تەرەپ ئاددىي يۇمشاق دېتال بىلەنلا پاراڭ مەزمۇنلىرىنى ئوغرىلىقچە كۆرەلەيدۇ؛ Skype بولسا مۇرەككەپ algorithm (ھېسابلاش ئۇسۇلى) ئارقىلىق پاراڭ مەزمۇنلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ. شۇڭا مەخپىيەتلىككە ئالاھىدە تەلىپى بارلار (مەسىلەن، مۇھەببەتلىرى بىلەن بولغان پاراڭنى ياتاقداشلىرىنىڭ بىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرى)، ئەڭ ياخشىسى Skype نى ئىشلەتكىنى تۈزۈك.
ئەسلى يوللىغۇچى: gheyret ، ۋاقتى: 2010-11-4 07:07

شۇنداق skype ئەڭ بىخەتەر. مۇڭدىشىۋاتقاندا ئاۋاز، يېزىقلار شىفىرلىنىپ يوللىنىدۇ. ئارىلىقتا بىرەرى ئاڭلاي، كۆرەي دېسىمۇ قىيىن.
skype ئىشلەتكەنلەر ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
1.skype بارلىق يازمىچە خاتىرىلەرنى كومپيۇتېرغا ساقلاپ ماڭىدۇ، قىز دوستلىرىڭلار بىلەن قىلىشقان يازمىچە پاراڭلارنى ئەگەر بىرى كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ skype غىمۇ كىرسە(كىرەلىسە) ھەممىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
شۇڭا تىزىملىكتىن Tools-->Options-->IM & SMS-->IM settings دىكى
Keeo history دېگەن يەرنى no hisotry قىلىپ تاللاپ قويسا، يازمىچە خاتىرىلەر ساقلانمايدۇ. Clear history دېگەن توپچىنى باسسا ھازىرغىچە ساقلانغان يازمىچە خاتىرىلەر پۈتۈنلەي تازىلىنىدۇ.
2. بۇنى مەن يېقىندا بايقىدىم. skype ھېساباتىغا ئوخشىمىغان ئىككى يەردىن(ئىككى كومپيۇتېردىن) كىرگىلى بولىدىكەن. بىراق بۇنى ئىككى يېرىدىن كىرگەنلىكنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
شۇڭا ئۆيدە ۋە شىركەتتە skype ئىشلىتىدىغانلار، ئەگەر ئىككىلىسىدە skype ئوخشاش ۋاقىتتا ئوچۇق بولسا، شىركەتتە قىز دوستىڭىز بىلەن پاراڭ قىلىشسىڭىز، ئۆيدە ئايالىڭىز ئۇنى كۆرۈپ قالىدۇ دە، كەچتە ئۆيگە كىرەلمەي قالىسىز.
ئەسلى يوللىغۇچى: FinalFantasy ، ۋاقتى: 2010-11-4 03:57
Windows Live Messenger پاراڭ مەزمۇنلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە يوللايدۇ، يەنى مەزمۇننى ھېچقانداق ئۇسۇلدا مەخپىيلەشتۈرمەيدۇ، ئۈچىنىچى تەرەپ ئاددىي يۇمشاق دېتال بىلەنلا پاراڭ مەزمۇنلىرىنى ئوغرىلىقچە كۆرەلەيدۇ؛ Skype بولسا مۇرەككەپ algorithm (ھېسابلاش ئۇسۇلى) ئارقىلىق پاراڭ مەزمۇنلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ. شۇڭا مەخپىيەتلىككە ئالاھىدە تەلىپى بارلار (مەسىلەن، مۇھەببەتلىرى بىلەن بولغان پاراڭنى ياتاقداشلىرىنىڭ بىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرى)، ئەڭ ياخشىسى Skype نى ئىشلەتكىنى تۈزۈك.
ئەسلى يوللىغۇچى: gheyret ، ۋاقتى: 2010-11-4 07:07
شۇنداق skype ئەڭ بىخەتەر. مۇڭدىشىۋاتقاندا ئاۋاز، يېزىقلار شىفىرلىنىپ يوللىنىدۇ. ئارىلىقتا بىرەرى ئاڭلاي، كۆرەي دېسىمۇ قىيىن.
skype ئىشلەتكەنلەر ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
1.skype بارلىق يازمىچە خاتىرىلەرنى كومپيۇتېرغا ساقلاپ ماڭىدۇ، قىز دوستلىرىڭلار بىلەن قىلىشقان يازمىچە پاراڭلارنى ئەگەر بىرى كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ skype غىمۇ كىرسە(كىرەلىسە) ھەممىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
شۇڭا تىزىملىكتىن Tools-->Options-->IM & SMS-->IM settings دىكى
Keeo history دېگەن يەرنى no hisotry قىلىپ تاللاپ قويسا، يازمىچە خاتىرىلەر ساقلانمايدۇ. Clear history دېگەن توپچىنى باسسا ھازىرغىچە ساقلانغان يازمىچە خاتىرىلەر پۈتۈنلەي تازىلىنىدۇ.
2. بۇنى مەن يېقىندا بايقىدىم. skype ھېساباتىغا ئوخشىمىغان ئىككى يەردىن(ئىككى كومپيۇتېردىن) كىرگىلى بولىدىكەن. بىراق بۇنى ئىككى يېرىدىن كىرگەنلىكنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
شۇڭا ئۆيدە ۋە شىركەتتە skype ئىشلىتىدىغانلار، ئەگەر ئىككىلىسىدە skype ئوخشاش ۋاقىتتا ئوچۇق بولسا، شىركەتتە قىز دوستىڭىز بىلەن پاراڭ قىلىشسىڭىز، ئۆيدە ئايالىڭىز ئۇنى كۆرۈپ قالىدۇ دە، كەچتە ئۆيگە كىرەلمەي قالىسىز.
skype يۇمتالى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە يامىقىنى چۈشۈرۈش
يۇمتالSkpyeنى http://fs21.filehippo.com/4076/c20290b731f54393902c20ee2fb8c13e/SkypeSetupFull.exe چۈشۈرىسىز، ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ياماقنىڭ ئەڭ يېڭىسىنىدىن http://forum.skype.com/index.php?app=core&module=attach§ion=attach&attach_id=83143 دىن چۈشۈرىسىز.
skypeغا خەتلىتىش
skypeنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، skypeنى كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلاپ، مەلۇم بىر ئىسىم بىلەن خەتلىتىمىز، خەتلەتكەن بۇ ئىسىم كىۇكىۇرىمىزدىكى نۇمۇرىمىزغا ئوخشاشskype نامىمىز(نۇمۇرىمىز) بولىدۇ، يەرشارىنىڭ قەيىرىدىن skypeنى قوزغاتساق ئاشۇ خەتلەتكەن نام بىلەن قوزغىتىمىز، شۇڭا بۇ نامنى ئەستايىدىل تاللىشىمىز(سىزنى قوشۇۋالماقچى بولغانلار بىر قاراشقىلا سىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلەلىگىدەك بولسا ئەلبەتتا ياخشى)، ئاشۇ نامنىڭ يېزىقىنى بىرلەككە كەلگەن ULY بىلەن يېزىشىمىز لازىم(بۇ نام باشقىلارغا مەلۇم جەھەتتىن بىزنىڭ خەرەكتىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپ قويىدۇ). نامنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن سىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئوخشاش بىر ئېلخەت ئادىرىسىنى مۇناسىبەتلىك ئىككى كاتەكچىگە تولدۇرۇپ، ئىككى كاتەكچىگە ئوخشاش بىر ئىمنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن جەزملەشنى چەكسىڭىز، سىز ئىشلەتكەن نامنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ كىتىلگەن ياكى سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ، ئىشلىتىپ بولۇنغان بولسا، بۇ نامغا مەلۇم ھەرپ ياكى رەقەم قوشۇلغان بىرقانچە نامنى چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇلاردىن بىرەرسى سىزگە يارىسا، يارىغىنىنىڭ يېنىدىكى يۇمۇلاقنى مائۇستا چىكىۋەتسىىز بولىدۇ، ناۋادا يارىماي باشقا بىرنامنى ئىشلەتسىڭىز كەينىگە ياندۇرۇپ يۇقۇرىدىكى تەرتىپ بويىچە قايتىدىن مەشغۇلات قىلىسىز، تاكى سىزگە يارىغان ئىسىمدا خەتلەتكىلى بولغىچە مەشۇلاتنى تەكرالاپ، داۋامىغا ئۆتسىڭىز، خەتلىتىشىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ، مەن باشتا ئىخچامراق ئىسىم ئېلىش ئۈچۈن تەگئاتىم Qutlan نى خەتلەتمەكچى بولۇپ كىرگۈزدۈم، بۇنى بۇرۇن خەتلىتىپ ئىشلەتمەي ئۇنتۇلۇپ قالدىممۇ ياكى باشقا بىرسى خىيانەت قىلىپ خەتلىتىۋالدىمۇ بىلمىدىم، Qutlan1, Qutlan2, ... دېگەندەك تاللاش چىقىۋىدى، رەقەم كەلگەن ئىسىمنى ياقتۇرمىغىنىم ئۈچۈن Bidar-Qutlanنى كىرگۈزسەم مۇۋەپپىقىيەتلىك خەتلەندى. ھەم skypeدىكى مۇڭداشقۇم قوزغالدى.
skypeنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
skype قوزغالغاندىن كېيىن تىزىملىك قۇرىدىكى 工具(V)نى چەكسەك بىرتىزىملىك ئېچىلىدۇ، تىزىملىكتىكى更改语言(X)نى چەكسەك، بىرمۇنچە تىللارنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ، ئەڭ ئاستىغا سۈرۈپ، ئاستىدىن 2- قۇرنى تاللاپ قويساق، كومپيۇتېرىمىزدىكى ھۆججەتنى ئېچىش كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆزنەكنى بايام چۈشۈرۈپ قويغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يامىقى بار جايغا باشلاپ كىرىپ ياماقنى كۆرسىتىپ قويساق، مۇڭداشقۇمىز دەرھال ئۇيغۇرچىغا ئۆزگىرىدۇ. بىز بۇ جەريانلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق تىلدا، ھەرقانداق يېزىقتا بىمالال، ئىشلەتسەك بولىدۇ، ھىھچقانداق يېزىقنى چەتكە قاقمايدۇ، يەكلىمەيدۇ. ئالاقىدار قانۇن، سىياسەتلەرگە خىلاپلىق قىلماي ئىشلەتسەك ئۇ ئەڭ بىخەتەر مۇڭداشقۇ بولالايدۇ.
يۇقۇرىدىكى يازغانلىرىم چۈشۈنۈشكە كەمتۈگلۈك قىلسا، چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، خەتلىتىپ بولغاندىن كېيىن، مېنى قوشۇۋالسىڭىز، مۇڭداشقۇ(skype)دا چۈشەندۈرەي.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
خەتكۈچ: skype ئۇيغۇر
ئانا تىلىمىزنى قانچىلىك چۇشۇنىسىز؟ - [ئانا تىل- جان تىل]
2010-11-02
ئانا تىلىمىزنى قانچىلىك چۇشۇنىسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر:
كونىلار ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن، قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىكەن، ئالتۇننىغۇ زەرگەرنىڭ سوقۇپ بېرىشىنى كۈتسەك بولغان بىلەن بەزىدە قاسساپنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى سويغۇزۇپ بولغىچە ھارام بولۇپ قالسا، گۇناھنى كىمدە قويىمىز، شۇڭا قاسساپ سويسۇن دېمەي، سويالايدىغانلار ئىمكانىيىتى بويىچە سويغاچ تۇرسۇن دېسەكمۇ بولامدۇ نېمە؟
سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقى، ئىھتىماللىق، ئورۇنلاشتۇرش، گۇرۇپىلاش، ھاسىلە دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئەكسىچە ھەرقېتىم دوسكىغا ترىگونومېتىرىك فونكىتسىيەلەرنىڭ گراپىگى دېگەندەك ماۋزۇلارنى يازغىنىمدا شۇنچە ئۇزۇن ماۋزۇنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ يوقلىقىدىن ئازاپلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سىرتتىن كىرگەن سۆز %50دىن كەم ئەمەس، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ يوق دېگەندەك مىش - مىش گەپلەرگە ئىشىنىشكە مەجبۇر ئىدىم. ئالدىنقى كۈنى بىلىك مۇنبىرىدە
ئەسلى يوللىغۇچى: ماكان30688 ، ۋاقتى: 2010-10-29 12:33
ئۇيغۇر تېلىدىكى سىرىتتىن كەلگەن سۆزلەر سىتاتىسكىسى
بىزدە دائىم :ئۇيغۇر تېلىدا سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلىكلەر زادى قانچىلىك؟ دىگەندەك تالاش- تارتىشلار بوپ تۇرىدۇ.
بۇرۇن تۈزۈكرەك ‹ئۇيغۇر تىلى ئىزاھات لوغىتى› يوق ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا بەزى مۇتەخەسىسلەر مەسۇلىيەتسىزلا ھالدا(بەلكىم ماتىريال كام بولۇش تۈپەيلىدىن) ئۆزىنىڭ ‹تەتقىقات نەتىجىسى› نى ئېلان قىلىپ :ئۇيغۇر تېلىدا سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر 40% دىن يۇقۇرى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلان قىلدى، ئەڭ يېڭى سىتاتىسكا نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:
سىتاتىسكا ماتىريالى 97 - يىلىدىكى ‹ئۇيغۇر تىلى ئىزاھات لوغىتى› (جەمى 6 توم) . جەمى سۆزلۈك:34554 (بۇ يەرلىك شېۋىستىكى يەككە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز : 7344 بولۇپ21 % نى ئىگەللەيدۇ (بۇ ھەرگىز 40% دىن يۇقۇرىنى ئىگەللىمەيدۇ)
بۇنىڭ ئىچىدە:
ئەرەبچە سۆز-ئىبارىلەر : 2460 بولۇپ 7.1% نى ئىگەللەيدۇ؛
ئەرەبچە+پارىسچە سۆز -ئىبارىلەر : 292 بولۇپ 0.8% نى ئىگەللەيدۇ؛
پارىسچە سۆز-ئىبارىلەر : 1573 بولۇپ 4.55% نى ئىگەللەيدۇ؛
پارىسچە_ئەرەبچە سۆز-ئىبارىلەر : 86 بولۇپ 0.24% نى ئىگەللەيدۇ؛
خەنزۇچە سۆز-ئىبارىلەر : 355 بولۇپ 1.02% ئىگەللەيدۇ؛
روسچە سۆز-ئىبارىلەر : 2323 بولۇپ 6.72% نى ئىگەللەيدۇ؛
گىرېكچە(گىرېتسىيە) سۆز -ئىبارىلەر : 56 بولۇپ 0.16% نى ئىگەللەيدۇ؛
لاتىنچە سۆز-ئىبارىلەر : 90 بولۇپ 0.26% نى ئىگەللەيدۇ؛
ئېنگىلىسچە سۆز-ئىبارىلەر : 72 بولۇپ 0.2% نى ئىگەللەيدۇ؛
باشقا تىل تۈرلىرىدىكى سۆز-ئىبارىلەر : 37 بولۇپ 0.1% نى ئىگەللەيدۇ؛
سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەر ئاساسلىق : دىن ، مائارىپ ، مەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ توغۇرلۇق دوسلىرىم بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ، بىر دوستۇمنىڭ توردىكى خەنزۇچە خاتىرىسىدىن كۆرگەنلىگىم ئىسىمگە كىلىپ،شۇنى ئىزدەپ تاپتىم،شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ چەكلىك سەۋىيەم بىلەنلا ئەينى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.بۇ پەقەت دوسلارنىڭ بىلىپ قىلىشى ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلىپ يوللاىندى.
بىلىككە يوللىغۇچى ئىشلەتكەن مەنبە: http://club.xilu.com/jsr/msgview-177424-51428.html?PHPSESSID=c5f1766a744fe1e879596b3ac97886c0
بىلىك مۇنبىرىدىكى مەنبەسى: http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=22910&page=1#pid171158
نى كۆرگەندىن كېيىن خېلى يەڭگىللەپ قالدىم. ئەمدىكى گەپ بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ قانچىلىك توغرا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىمكانىيەت ئىچىدە يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆزىمىزدىكى قەدىمقى ياكى ھازىرقى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ ياساپ، ياساشقا ئىمكان بولمىغاندا باشقا خوشنا تۈركى تىللاردىن قوبۇل قىلىپ لۇغۇتىمىزنى بېيىتساق، پەقەتلا ئىمكانىيەت بولماي(ئەمەلىيەتتە ئىزدەنسەك مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنىڭ يۈزبېرىشىگە ئىشەنمەيمەن) تىلىمىز بىلەن يىراق بولغان تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلساق، كەلگۈسىدە بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشى مۇمكىن.
مەن بۇ ماۋزۇدا يازماقچى نەرسە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇن ئىدى، ماۋزۇمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىخىدكى ئۈچ خاتالىق ئىدى، يۇقۇرىدىكى مەزمۇننى قوشۇپ، بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش مەقسىدىدە ئۇيغۇر تىلىنى چۈشۈنەمسىز دەپ ماۋزۇ قويدۇم.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىخىدكى ئۈچ خاتالىق
1- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشتۇرىلىشى:
بۇ ھەقتە مېنىڭ جىق گەپ قىلغىم يوق، پەقەت
ئەسلى يوللىغۇچى: دوكتۇر ئەركىن ئەمەت
7. تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تىل – ئەدەبىيات پاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى “ئا، ئە” تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەھۋالىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىدا يوقلىقىنى ئېيتىپ، ھازىرقىدەك بۇ خىل ئاجىزلىشىش ئەھۋالىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا قېرىنداش تۈرك تىللىرى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدىمكى ساپلىقى ۋە ئىملا قانۇنىيىتىنى ئۆز ئەينى بۇيىنچە ساقلاپ قېلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرىشى ھەققىدە ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ئۆتتى.
مەنبە: http://uyghuracademy.com/?p=8713
نى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمەن.
-2 خاتالىق ئۇيغۇرتىلىدىكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن بوغۇم قايىدىلىرى:

بۇ قايىدىگە ئەستايىدىل قارىسىڭىز، بۇ قايىدە ئارقىلىق ئۇيغۇرتىلىدا ھىچقانداق بىر بوغۇم قايىسىدىنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز. بۇ سۆزۈم ئانچە چۈشۈنۈشلۈك بولمىغان بولسا، http://qutlan.blogbus.com/logs/76330511.html دىكى يازمامنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
-3 خاتالىق تىلىمىزدىكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئۈچۈن قوللۇنۇلمايدىغان ئەمما كىرمە سۆزلەردە قوللۇنىدىغان "ف" ھەرىپىنىڭ كىرگۈزىلىشى ۋە سۆز بېشىدا كەلگەن سوزۇق تاۋۇش«ئا، ئە، ئو، ئۆ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئى»لارغا زورلاپ قوشۇپ قويۇلغان ھەمزە«ئ».
ئەسلىدە ئەرەپلەردىن يېزىق قوبۇل قىلغاندا ھازىر بىز قوللانمايۋاتقان ئەمما چاغاتاي دەۋرىدە قوللانغان بىرمۇنچە ھەرپ ئىتقى، ئىزغى، ساد، زاد، ئەييىن، ... لەرنى قالدۇرىۋەتكەن چاغدا "ف"نىمۇ ساقلاپ قالماي قالدۇرىۋەتكەن بولسا توغرا بولاركەن، شۇنىڭغا قوشۇپ ناھايىتى ئازلا سۆزلىرىمىزدە قوللىنىدىغان "ژ"نىمۇ قالدۇرىۋەتكەن بولسا، كومپيۇتېردا خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىمىز ھازىرقىدىن خىلى بەك تىز بولۇپ قالاركەن، ئۇچاغدا بىزنىڭ ھەرىپلىرىمىزدىكى ئارتۇقچە ئىككى ھەرپ كىمىيەتتى.
"ف" نى قالدۇرىۋەتكەندە بۇ ھەرپنى چىقىرىش ئۈچۈن باسىدىغان ئىككى كونۇپكا ئازلاپلا قالماي، يەنە بىرمۇنچە ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنىپ قالاتتۇق، قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەر تېلېفۇن بىلەن تېلېپۇننىڭ، پارىژ بىلەن فارىژنىڭ، پىلىم بىلەن فىلىمنىڭ قايسىسى توغرا دېسىڭىز تىرناق تاتىلايدۇ(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). كورىيەلىكلەردە << ف،F>> ھەرىپىنىڭ يوقلىقىنى. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى فىغتىڭ سۆزىنى يېزىقچە 파이팅 ] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق(http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?PageIndex=1&ThreadID=38584)، بەلكىم ئۇلارنى كورىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئۈچۈن ئېنگىلىزلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى توغرا دېمەپسەن دەپ تەنقىتمۇ قىلمىغاندۇ.
"ژ" تاۋۇشىنى قالدۇرىۋەتكەن بولسىمۇ تۈرۈكلەر "ق"نى قالدۇرىۋېتىپ "ك"نى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئىلگىركى "ژىل" دېگەن سۆزلەرنى ھازىرقى "يىل" دەپ ئالغىنىمىزدەك، "ژ" كەلگەن بىرقانچە سۆزلەرنى "ج" ياكى "ي" بىلەن ئىپادىلەپ كەتكىلىمۇ بولاركەندۇق.
سۆز بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن قوللانغان ھەمزە كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن خىلى ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا كېرەك، قازاق يېزىقىدىكى بۇ ھەمزىنىڭ بولماسلىقىدىن بىزگە قارىغاندا مەتبۇئات سۈرئىتى بىرقەدەر تىزراقمىكىن دەيمەن.
يۇقرىدىكىلەر ئىزچىل كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ كىلىۋاتقان ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەرگە "دەردىمنى تۆككىم" كەلدى، بەلكىم بۇ دەرت يالغۇز مېنىڭلا بولماسلىقى مۇمكىن، ماتېماتىكىلىق تىلشۇناسلىق، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە باشقا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوستلارنىڭمۇ كۆڭلۈنى يېرىم قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ يازمىنى تارىخنى كەينىگە سۈرمەكچى دېگەندەك قالپاقنى كەيگۈزۈشكە بولمايدۇ. پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، باشقا تىللارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ھەمدە پۇرسىتى كىلىپ قالسا قانچىلىك تۈزىگىلى بولسا شۇنچىلىك تۈزەشنى تەشەببۇس قىلماقچىمەن.
مەن تىلشۇناس ئەمەس، ئەمما ئۆز - ئۆزىمىزگە بولغان مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى بولغان ئانا تىلىمىزغا چۇڭقۇر ئىشتىياقىم ۋە ئامراقلىقىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاينىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە ئاز تولا جۆيلۈپ قالىمەن، توغرا جۆيلۈدۈممۇ، خاتا جۆيلىدىممۇ، كەم قويدۇممۇ، ئارتۇقچىمۇ بۇنىسى سىزلەرگە ئامانەت.
خەتكۈچ: فونىتىكا، فونىما، تىلقۇرىما
يانفۇن كىتابلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز - [كومپيۇتېر - كەمپۈتەر]
2010-10-04
يانفۇن كىتابلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز
مەن بۇ يازمامدا نېمە ئۈچۈن يانپۇن كىتابى ياسايمىز، ھازىر قانداق ياسىلىۋاتىدۇ ۋە قانداق ياسىشىمىز كېرەك دېگەن مەزمۇنلاردا كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
يانپۇن كىتابى قاچاندىن باشلاپ بارلىققا كەلدى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا بۇنداق بىر كىتابقا بولغان ئىھتىياج تۇغۇلغىلى بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، سەۋەپ مۇنداق:
تور بەتلەرگە كىرگىنىمدە گەرچە كۆڭۈل ئېچىش خەرەكتىرىدىكى كۆرگۈلۈكلەرگە بىرىلمىسەممۇ، مەن كۆرىۋاتقان توربەتلەردىكى ئىسىل يازمىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايدىغان چاغلىرىم كۆپ بولاتتى، بەزى يازمىلارنىڭ ھەجىمىنىڭ كۆپلىكىدىن تور يۈزىدە باشتىن ئاياغ ھەممىنى كۆرۈپ، بارلىق ۋاقتىمنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلىشنى خالىمايتىم، تور ئالدىدا ئولتۇرغاندا بىرلا يازمىنى ئەمەس، قىسقا - قىسقا يېزىلغان كۆپرەك بىرنەرسىلەرنى كۆرىۋىلىشنى ئىستەيتىم. شۇڭا ھەجىمى جىق، مەزمۇنى ياخشى يازمىلارنى ساقلاپ قويۇپ كىيىن كۆرۈشكە قالدۇراتتىم، بىراق، بۇنداق نىسيىلىك بارغانچە كۆپۈيۈپ، ھىچ بىرى كۆرۈلمەيلا كومپيۇتېرىمدىن يوقاپ كىتەتتى، ياكى ئەستىن كۆتۈرىلىپ كىتەتتى، يەنە يېڭى - يېڭى نىسى كۆرۈنمىلەر كۆپۈيۈپ ماڭاتتى، ھەرقىتىم ئاشۇ يازمىلارنى كۆرگىلى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە، پۇستانى تورنى ئېچىپ باقايچۇ؟ قانداق يېڭىلىق باركىن؟ شۇلارنى كۆرۈۋىتىپ ئاندىن كومپيۇتېرىمدىكى ساقلاپ قويغىنىمنى كۆرەي دەپ تور دۇنياسىغا ئېلنىشىپ قىلىپ، ياندىكى «موللام»غا قاراشقا پۇرسەت تاپالمايتىم، كومپيۇتېرنىڭ يېنىدا بولمىغاندا ئۇ يازمىلارنى كۆرۈشكە تېخى ئىمكان بولمايتى، ھەممىنى قەغەزگە بېسىۋىلىپ كۆرۈشكىمۇ ئىمكان بولمايتى، مانا مۇشۇنداق سەۋەپلىك كومپيۇتېرسىزمۇ كۆرۈشكە بولىدىغان بىرەر چارە تېپىشنى ھەمىشە ئويلاپ قالاتتىم، ئەقلى تېلىفۇندا شۇنداق ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەقسىدىم ھەل بولغاندەك بولدى، دېمەك يانپۇن كىتابىنى ئەنە شۇنداق مەقسەتتە ياسايدىكەنمىز. يىنىمىزدا كومپۇتېر بولمىغان شارائىتتا، ئۇزۇن ئۆچۈرەتلەردە، باشقىلارنىڭ يولىغا قاراپ كۈتۈشلەردە، ئاپتوموبىللار بىلەن يىراق سەپەرگە ماڭغاندا، چىراق يوق قاراڭغۇ كىچىلەردە يانپۇن كىتابىنى ئوقۇش تولىمۇ قولاي ۋە ھوزۇر بىرىدىكەن، ئەنە شۇنداق مەقسەتلەردە يانپۇن كىتابىي ياسىساق كېرەك.
تېلېپۇنۇمغا ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇتالمىغاندىن كېيىن يېزىق تونۇتۇشقا ھاجەت بولمايدىغان يازمىلارنى كۆرۈش ئىستىكىدە http://uyphone.com/down/list/70_1.html دەك تور بەتلىرىدىن بىرقانچە يانپۇن كىتابلىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈۈپ باقتىم، كىتابنىڭ يانپۇنۇمدا نورمال ئوقۇغىلى بولغىنىدىن خۇرسەن بولسام، بىرقىسىم كىتابلارنىڭ سۈپىتىدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى، ئىملانىڭ توغرا بولىشىغا ئىتىبار بېرىلمەيلا قالماستىن، كىتابنىڭ سۈپىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. كىتابنى باشقىلار بەھرى ئالسۇن دەپ جاپا تارتىپ تۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىملاسىغا، سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، بۇ قانداقمۇ كىتاب بولسۇن؟ كىچىك بالىنىڭ مەشق دەپتىرىنى كىتاب دېۋالغاندەكلا ئىش ئەمەسمۇ؟ ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر يۇمتاللاردا ھەرخىل ئېلكىتابلارنى ياساش ئومۇملىشىۋاتىدۇ، كىتابلارنىڭ سانى كۆپۈيىۋاتىدۇ، ئەمما سۈپەت نازارەتچىلىكى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۆلچەمسىز «كىتاب»لار كىتابچىلىقىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولىۋاتىدۇ، كەڭ كىتابچىلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ساننى ئەمەس، سۈپەتنى قوغلىشىنى، سۈپىتى ياخشى بولمىغان، ئىملاسىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن «كىتاب»لارنى تور بەتلەردە تارقاتماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ياسالغان كىتابلاردىن قانائەت ھاسىل قىلمىغىنىم ئۈچۈن، مەنمۇ بىر ياساپ باقمايمۇ دېگەن ئوي بىلەن نەچچە پارچە «كىتاب» ياسىدىم، ياسىغانلىرىمنى تېلپۇنۇمدا تەكرار سىناق قىلىپ، ئاخىرى بىر «قېلىپ»نى تۇرغۇزىۋالدىم، شۇ قېلىپ بويىچە ياسىغان كىتابلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا بەرگەن ئىدىم ياخشى چىققانلىقىنى ئېيتىشتى، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىتاب ياساش ئۇسۇلۇمنى سۆزلەپ بېرەي.
1- توردىكى ياخشى يازمىلارنى كوپيۇتېرغا چۈشۈرۋىلىش ئۇسۇلى.
بەزى توربەتلەردە يازمىلارنى تورسىز ئادەم ئوقۇيالمىسۇن دەمدىكىن، كۆچۈرۋىلىش چەكلەنگەن ئىكەن، مەن كۆچۈرۋىلىش چەكلەنگەن بولسۇن ياكى چەكلەنمىسۇن، كۆچۈرمەكچى بولغان يازمىنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ، ۋوردنى ئېچىپ، ۋوردنىڭ ھۆججەت ئېچىش كۆزنىكىدىكى ھۆججەت ئىسمى يازىدىغان جايغا يازمىنىڭ ئادىرىسىنى چاپلاپ بولۇپ، 打开 نى ئىجرا قىلدۇرسام، ئۇ يازما ياۋاشلىق بىلەن كومپيۇتېرىمنىڭ ۋورد سۇپىسىدا نامايەن بولىدۇ.
2- يازمىلارنى تەھرىرلەش ۋە بەت ياساش ئۇسۇلى.
1) كومپيۇتېرىمغا چۈشكەن بۇ ئولجىنى ئالدى بىلەن doc ھالەتتە ساقلاتقۇزىمەن، ئاندىن ئارتۇق چۈشىۋالغان بەت ئۈستىدىكى، ئاستىدىكى ھەرخىل قاشقىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. ۋوردنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىكى (格式(Oنىڭ ئەزالىرىدىن (样式和格式(Sنى پەرمان - بەردار ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇپ، Ctrl+A ئارقىلىق يازمىنى تولۇق تاللاپ، 样式和格式 چەپراس تۇرىۋاتقان ئوڭ تەرەپ كۆزنەكتىكى 清除格式نىڭ خىزمىتىنى ئىشلەتكۈزىۋىتىمەن، بۇ جەرياننى بېسىشىمدىكى سەۋەپ تور بەتلەردىن چۈشۈرۈلگەن يازمىلاردا ئابزاس ئايرىلغاندا ئىككى ئابزاسنىڭ ئارىلىقىدىكى بوش قۇر زىيادە كەڭ، بەزى بەتلەرنىڭ قۇر ئاخىرىغا بىر قۇر خەت كىلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ بوش قويۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار بەك ئەۋارە قىلىۋەكەن ئىدى، xjcfan.com دىكى ئۇستازلارنىڭ تەلىمى بىلەن بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
2) يازمىنىڭ خەت شەكلىنى بىردەك ئەلكاتىپ تور توم ياكى ئۇ ك ئى ج تۈز تومغا كەلتۈرۈپ، خەت چوڭلىغىنى 18كە توغۇرلايمەن. بەت شەكلىنى ئوڭدىن سولغا، بەت يۈزىنى (格式(Oنىڭ ئىككىنجى قۇردىكى ئەزاسىنىڭ 对齐方式 سىنى 低度调整غا توغۇرلايمەن.
3) تور بەتلەردىكى قۇر يۆتكەش بىلەن ۋوردتىكى قۇر يۆتكەش بەلگىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توربەتنىڭ قۇر يۆتكەش بەلگىسىنى ۋوردنىڭ قۇر يۆتكەش بەلگىسىگە ئۆزگەرتمىگەندە ئابزاس ئاخىرىدىكى قۇرنىڭ ھەرپلىرى زىيادە سوزۇلۇپ كېتىپ بەتنمىڭ كۆركەملىكىگە، ئوقۇشقا نۇقسان يەتكۈزۈپ قويىدىكەن، شۇڭا ۋوردنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىكى (编辑(Eنىڭ ئەزالىرىدىن (替换(Eنى ئەۋارە قىلىپ، (1) l^نى p^گە ئالماشتۇرغۇزىۋىتىمەن- دە، بارلىق تىك شەكىللىك قۇر ئالماشتۇرۇش بەلگىسى يانتۇ شەكىللىك بەلگۈگە ئايلىنىدۇ، (2) ئۇنىڭدىن كېيىن ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىنى يەنە مۇنداق بىرقانچە ئىشقا ئىشلىتىمەن، يېزىق كىرگۈزىشنى ئېنگىلىزچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، ئالماشتۇرۇلماقچى بولغان ئوبىكىت كۆزنىكىگە سىزىقچە «-»نى كىرگۈزىمەن، ئالماشماقچى بولغان ئوبىكىت كۆزنىكىگە يېزىق كىرگۈزىشنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، سىزىقچە «-»نى كىرگۈزۈپ ئالماشتۇرغۇزسام، قۇر بېشىغا ئۆتىۋالغان سىزىقچىلارنىڭ ھەممىسى رەقەمنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، قۇر بېشىدا ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك رەقەملەر ئۆز جايىنى تاپىدۇ. (3) توربەتلەرگە قارايدىغان بولساق بەزىلەرنىڭ يوللانمىسىدا پەش، چىكىت، تىرناقلەرنىڭ ئورنى بىلەن بوش ئورۇننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەش، چىكىت، تىرناقلەر كىينكى سۆزگە چاپلىشىپ كىلىپ، ھەتتا بۇ بەلگىلەر قۇرنىڭ بېشىغا كىلىۋالىدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇمەسىلىنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، خەت كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، 1- كۆزنەككە ئالدى بىلەن بىر بوش ئورۇننى قويىۋىتىپ، ئاندىن مۇناسىبەتلىك تىنىش بەلگىسىنى كىرگۈزىمەن، ئاستىدىكى كۆزنەككە ئالدى بىلەن 1- كۆزنەككە كىرگۈزگەن تىنىش بەلگۈسىنى كىرگۈزىۋىتىپ، ئاندىن بىر بوش ئورۇننى قويۇپ، بارلىق خاتا ئورۇندا تۇرىۋالغان بوش ئورۇنلارنى تىنىش بەلگۈسىنىڭ كەينىگە يۆتكەتتۈرىۋىتىمەن. بۇ يەردە يەنە تەكرار خاتا يېزىلغان سۆزلەر بولسا مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىپ، توغرا سۆزگە ئالماشتۇرغۇزىۋىتىمەن، مەسىلەن «دەرىس»نى «دەرس»كە.
4) بارلىق مەزمۇنلارنى باشتىن - ئاخىر تەپسىلى ئوقۇپ چىقىمەن، بۇ جەرياندا ئىملادا كەتكەن يەر بولسا تۈزىتىمەن، ئوخشاش بىر سۆزدە خاتالىق تەكرار كۆرۈلسە يۇقۇرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق تۈزەتكۈزىمەن، يازمىلاردىكى چوڭ كىچىك ماۋزۇلارنى دەرىجىسى بويىچە بوياپ ماڭىمەن، ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ماقالىلىرىغا ئوخشاش بەزى يازمىلاردا ئىزاھات بېرىش ئىھتىياجى بىلەن بېرىلگەن ئېنگىلىزچە سۆزلەرمۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزغا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئەھۋاللار ئۇچراپ قالىدۇ، بۇنى ئىمكان قەدەر ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىمەن، بۇ باسقۇچتا يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن كۆرە يېزىق ھالىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن.
5) يۇقۇرىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، خەتنىڭ كەڭلىگىنى ۋوردنىڭ فورمات ستونىدا Aنىڭ بېقىنىدىكى تاللاش تىزىملىكىدىن %82گە توغۇرلايمەن، ئىزاھات خاراكتىرلىك سۆز ياكى ئېنگىلىزچە سۆزلەر بولسا ئۇنى ئىھتىياجقا قاراپ %30گىچە تار ھالەتكە كەلتۈرىمەن، قۇرلارنىڭ كەڭلىگىنى (格式(Oنىڭ ئىككىنجى قۇردىكى ئەزاسىدىن (行距(Nنى 固定值گە توغۇرلاپ، قىممىتىنى 22 قىلىمەن، بەت شەكلىنى 文件دىكى 页面设置 ئارقىلىق، ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سوللاردىن قالدۇرىدىغان گىرۋەكنىڭ قىممىتىنى 0.3厘米 كە ئۆزگەرتىمەن، بەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشىگەنسدە كەڭلىگىنى 8厘米گە، ئىگىزلىكىنى 9.3厘米كە توغۇرلاپ بولۇپ، مۇقىملاشتۇرىمەن.
6) ياسالغان ئالقانچىلىك بەتلەرگە قايتىدىن نەزەر سېلىپ، بايا بوياپ قويغان ماۋزۇلارنىڭ رەڭگى، خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، نۇسخىسى قاتارلىقلارنى تەڭشىگەندىن كېيىن، بەت ئاستىدىكى ئاىىرقى قۇرغا ماۋزۇلا كىلىپ، بىرەر قۇرمۇ مەزمۇن بولمىغان بولسا، ماۋزۇ تۆپىدىكى مەزمۇنلاردىن بىرەر ئارتۇق سۆزنى ئېلىۋىتىش ياكى كەڭلىك پىرسەنتىنى %82دىن %78گە قەدەر %1 دىن قىسقارتىش ئارقىلىق ئامال قىلىپ، ماۋزۇ ئاستىغا بىرەر قۇر مەزمۇن كەلتۈرگۈزىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا توربەتنىڭ نامىنى قىستۇرىمەن.
3- يانپۇن كىتابى ياساش
يۇقۇرىدىكى تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن http://xjcfan.com/a/Down/2010/0511/850.html دە ئوتتۇرغا قويغان ئۇسۇل ئارقىلىق مىنۇت ئىچىدە بىر كىتابنى تەييارلاپ بولىمەن.
بۇنداق ياسالغان كىتابنىڭ خەتلىرى چوڭ، كۆركەم چىقىدىكەن، بىر بەتكە 11 قۇر، بىر قۇرغا 2دىن 5كىچە سۆز سىغىدىكەن. چوڭ - كىچىك يانپۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن ماسلىشىدىكەن.
ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەي، كەم سۆزلەپ قويغان بولسام تولۇقلاپ بەرگەي، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام، تەنقىت ۋە كۆرسەتمە بەرگەي.


يۇقۇرىدىكىدەك ئۆلچەم بويىچە ياسىاپباققان فۇنپۈتۈكلەرنىڭ بىرقىسىملىرىنى ھازىرچە ئالدىن يوللىغاچ تۇردۇم، ئىھتىياجى بار قىرىنداشلىرىمىز http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=115506 دىن چۈشۈرۋالسا بولىدۇ، يانفۇن كىتاپلىرى ئىككى بوخچىغا تۈگۈلگەن بولۇپ، بىرسى PDF Nusxisi يەنە بىرسى RGO Nusxisi ئىھتىياجىىزغا قاراپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
يانفۇنىڭىز Windows Mobile سېستىمىلىق بولسا، يۇقۇرىدىكى كىتاپلارنى نورمال ئوقۇيدىغان يۇمتاللارغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=123154 دىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە يەنە بۇنداق يانپۇندا بولۇشقا تىگىشلىك بىرقىسىم يۇمتاللارنىمۇ قويۇپ قويدۇم.
بۇ يازمامنىڭ ULY نۇسخىسى: http://hi.baidu.com/qutlan/blog/item/f9abfbda6b869b56ccbf1add.html
خەتكۈچ: يانفۇن كىتابى، ئېلكىتاپ
بالىلىق خاتىرەمدىن بىر پارچە - [نادىر ئەسەرلەر]
2010-10-03
بالىلىق خاتىرەمدىن بىر پارچە
قەيسەر مىجىت
ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتىدىكەن. ھەش-پەش دىگۈچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن ئىمتىھان بەرگىلى ئاتا-ئانامنىڭ خىزمەت ئورنى - قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كەنشىۋەر ئورمان مەيدانى پەرزەنتلەر مەكتىپىدىن 7-8 نەپەر ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىمىز قۇربان نامەتنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1 -ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغانلىغىمىزغا 19 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ئەل -يۇرتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقى قىرغىغىدىكى دۇنيادا «مەرىپەت شەھىرى» دەپ نام ئالغان --- بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولۇپتۇ.
مانا مەن - ھازىر ئاتا بولدۇم. بالىنىڭ مېھرى ئىسسىق ۋە ئۇلۇغ بولىدىكەن. ئايالىمنىڭ بالىغا كۆيۈشلىرىنى ئېيتمايلا قوياي. مەنمۇ ھەم ۋاقتىم بولسىلا ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئوينىتىپ، كارىۋىتىدا ئۇخلىتىمەن. شۇنداق چاغلاردا تۇيۇقسىز ئويلاپ قالىمەن. «ئاتا -ئاناممۇ مەن بوۋاق چېغىمدا ماڭا مۇشۇنداق قىلغان چوقۇم، مانا ئەمدى مەن چوڭ بولۇپ غايە ۋە بىلىم قوغلىشىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن يىراق يەردە ياشاۋاتىمەن، ھەي دۇنيا!. »
مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىشىم بىلەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا كۆز ئالدىمغا ھايات مۇساپەمدە بېسىپ ئۆتكەن ئىزلار ۋە كۆرۈپ ئۆتكەن بەزى ئىشلار كېلىدۇ. ئادەم دېگەننىڭ ئارزۇسى چەكسىز بولىدىكەن. مەن تېخى خېلى كۆپ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدىم، ئەمما ئاتۇشنىڭ چەت-ياقىسىغا جايلاشقان كەنشىۋەر ئورمانچىلىق مەيدانىدىن ئامېرىكا ماسساچۇسەتتس ئىشتاتىنىڭ مەركىزى -بوستونغىچە بولغان يوللارنى، جەريانلارنى ئويلىسام يەنە شۈكرى دېگۈم كېلىدۇ، شۇنداقلا بىر خىل جانلىنىپ كېتىمەن. كەچمىشلەر ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭ بىرسى "ئادەم مەلۇم غايە ئۈچۈن ئەقىدە باغلاپ، ئىزچىل تىرىشسىلا چوقۇم مەقسىدىگە يېتىدىكەن".
قايسى كۈنى، 30 يىللىق ھايات مۇساپەمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ ھايات مۇساپىلىرىمدە بولۇپ ئۆتكەن بەزىبىر ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويغاننىڭ، باشقىلارغا بولۇپمۇ ھاياتقا ئەمدىلا قەدەم ئالغان ئۆسمۈرلەرگە، ياشلارغا ئېيتىپ بەرگەننىڭ ئاز-تولا ئەھمىيىتى بولۇشى مۈمكىن دېگەن ئويغا كەلدىم.
100 گە يېقىن خىزمەتچىسى بار -ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كەنشىۋەر رايونىغا جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ 5-6 كىشىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋە 30-40 چە ئوقۇغۇچىسىدىن تەركىب تاپقان پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى مەيدان ئۆزىدە تولۇقسىز مەكتەپ بولمىغانلىقتىن ئۇلۇغچات ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. مەن ئالدىنقى يىلى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇرپاندىن بېرىپ ئۇلۇغچاتتا يىلتىز تارتقان ئايۇپ ئىسمائىل ئىسىملىك مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرىنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ مەيدانىمىزغا كېلىپ بالىلاردىن ئېغىزچە نەق مەيدان ئوچۇق ئىمتىھانى ئالغىنىنىمۇ، "بىر قولۇمدا بىر جىڭ پاختا، بىر قولۇمدا بىر جىڭ تۆمۈر بار، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئېغىر" دەپ مەھمۇت تاياجى ئىسىملىك بالىدىن سوئال سورىغىنىنىمۇ، مەھمۇتنىڭ "تۆمۈر" دەپ جاۋاب بېرىپ ھەممىنى كۈلدۈرىۋەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم. بىزگە كەلگەن يىلى ئۇلار مەيدانىمىزغا بىزدىن ئىمتىھان ئالغىلى كەلمىدى. ئەكسىچە، بىز ناھىيىگە باردۇق. ئۆزىمىز كىچىكمۇ ياكى بىلىدىغىنىمىز ئازمۇ، بىر ساننى قانچە كىچىك سانغا بۆلسە شۇنچە چوڭ چىقىۋەرگەندەك، شۇ چاغلاردا تاغلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان كىچىك تاغلىق شەھەر -ئۇلۇغچات بىزدەك تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ تاغدا تۇغۇلۇپ كۆرگىنى تاغ بىلەن يۇرت (قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچىنى كۆرگەندە ھەيرانلىقىمدىن ئاغزىم ئېچىلىپ قالغان) بولغان ماڭا نىسبەتەن خېلى ئوبدانلا ئاۋات شەھەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.
شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن ئەدەبىيات، ھېساب دېگەندەك پەنلەردىن جىددى ھالدا ئىمتىھان بەردۇق. بىزدىن بۇرۇن ئوقۇشقا بارغانلار بىزگە ئورۇنلىرىنى بوشىتىشىپ، مەكتەپنىڭ تاماقلىرىدىن تېتىتقۇزدى. ئوماچتىن پەرق قىلمايدىغان دەرىجىدە قويۇق، بەسەيلىرى تولۇق چانالمىغان، چىگىدەك ئارىلاشتۇرۇلغان "سۇيۇق-ئاشنى" شۇ يەردە تېتىدىم. كېچلىرى بازارغا چىقىپ ئاتۇش -قەشقەردىن باققاللار سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان مېۋىلەرنى يەپ بولۇپ، چوڭلاردىن ئۆگەنگەن ئادەت بويىچە ئۈچكىسىنى ساناپ تۇرۇپ پۇل تۆلەپ، گازلىق سۇ ئېلىپ ئىچىپ ، گازىر ئېلىپ چېقىپ، كەچتە كىنو كۆرۈپ بەكلا ھوزۇرلانغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمتىھان نەتىجىسى كەلدى، ھەممىمىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتۇق. ئۆيدىكىلەر شۇنداق خوش بوپ كەتتى. ئانام ئالايىتەن مەن ئۈچۈن يېڭى يوتقان - كۆرپە تىكتى، كىيىپ بېرىشىم ئۈچۈن يېڭى كىيىملەرنى تەييارلىدى. دادام خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالانغاندا مۇكاپات ئالغان خاتىرە قەلەملەرنى ھەتتا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن 70-يىللاردا ئىشلەنگەن "شاڭ خەي" ماركىلىق قول سائەتنىمۇ بېرىۋەتتى. (ئەسلىدە ئۇلار بۇ سائەتنى مەن 18 ياشقا كىرگەندە بەرمەكچى بولۇشۇپتىكەن). "تېگىگە سېلىپ ياتىدىغانغا كىگىز بېرەمدۇق، شىرداقمۇ" دېيىشىپ مېنىڭ "ئەدىيال بولسىمۇ بولىدۇ، ناسىپجانلارمۇ ئەدىيال ئىشلىتىدىكەن" دېگىنىمگە ئۇنىماي شىرداق بېرىشتى. ھەتتا ئايلىق تەمىناتىمنىمۇ بېكىتىپ بولۇشتى. "ھەپتىدە بىر كوي يىگىرمە پۇڭ خەجلەيسەن، كۈنىگە ئىككى موچەندىن. ياخشى ئوقۇساڭ جىق خەجلەيسەن، ياخشى ئوقۇمىساڭ، ھېچنىمە يوق" دەپ كەسكىن ئېيتتى دادام. "ئوغۇل بالا، - گال قېپى، قورساق سارىڭى بولسا بولمايدۇ" دېدى ئوقۇتقۇچىلىك قىلىدىغان ئانام. شۇ چاغلاردا ئاشۇ پۇللارمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شەھەردە ئوقۇشنى ، كىنولارنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلاپ بەكمۇ خوش بوپ كەتتىم، ۋە چۈشەنمىسەكمۇ:
قاشىڭدا بىر، كۆزۈڭدە بىر،
قاچان كېلۇر سېنتەبىر.
سېنتەبىرنىڭ ئايلارىدا،
كۆرۈشەرمىز كۈندە بىر.
دېگەن ناخشىنى مەمەتجان ئۆمەر ئىسىملىك دوستۇم بىلەن ئېيتىپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈنلەرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. شۇنداق قىلىپ 1982-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا دادام مېنى مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھىيە بازىرىنى ئايلاندۇرۇپ، كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ كەتتى. ھېلىقى خوشاللىق ئىككى كۈنگە بارمىدى. ھەر كۈنى كەچ چۈشۈشى بىلەنلا مېنى مۇساپىرچىلىق تۇتاتتى، مەكتەپنىڭ دۈشەنبىدىن، شەنبىگىچە ھەر چۈشتە ئايلاندۇرۇپ نۆۋەت بىلەن ئېتىپ بېرىدىغان تامىقى - سۇيۇق ئاش، كېسىپ ئەتكەن لەغمەن، موما سەي، گۆشسىز، مايسىز پولۇلىرى ۋە ئىككى ۋاق بېرىدىغان ئاق دېسە ئاق ئەمەس، قارا دېسە قارا ئەمەس گىردە نانلىرى ئىشتىھارىمنى قىسىۋەتتى. شۇندىلا ئائىلىنىڭ نەقەدەر ئىللىق بولىدىغىنىنى ھېس قىلدىم. "ئىسىت، ئانامنىڭ بالام يە دەپ زورلىسىمۇ يېگىلى ئۇنىمايدىغان لەغمەنلىرى، پولولىرى".
كۆزلىرىمگە، ئاتا-ئانام، سىڭلىم ۋە تال-چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينايدىغان ئىنىلىرىم كېلىۋالاتتى. ھەر كۈنى ئاخشىمى "ئانام تىككەن يوتقان" دەپ يوتقانغا چىڭگىدە ئورۇنۇپ، دادام بەرگەن خاتىرە دەپ خاتىرىلەرنى قوينۇمغا سېلىپ ياتاتتىم. ھەتتا ئۇلار بەرگەن پۇلنىمۇ "ئانام بەرگەن پۇل، دادام بەرگەن پۇل" دەپ ئامال بار خەجلىمەسلىككە تىرىشاتتىم. ئۇلار، ئىككىنچى قېتىم پۇل بەرگەندىلا ئاندىن ئالدىنقى قېتىمقىسىنى خەجلەيتتىم. ئىشقىلىپ ئانام، دادام بەرگەن پۇلدىن بىر موچەن بولسىمۇ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكىچە يېنىمدا ساقلايتتىم. بۇ مېنىڭ ئانامنىڭ "بالام، خەقتىن قەرز ئالما، ئوغۇل بالا قەرزدار بوپ قالسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇق بوپ قالىدۇ ، يېنىڭدا موچەن بولسىمۇ ساقلا"، دەپ نەسىھەت بېرىدىغىنىدىن تولاراق، ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى تەڭرى سالغان ئوتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن شۇنداق بولاتتىكەن.
مەن بەك غېرىپسىنىپ كەتكەن كۈنلىرى، دەرستىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە خوشال خورام قايتىدىغان شەھەرلىك بالىلارغا ھەۋەسلىنەتتىم.
بىزگە نىسبەتەن ئۇلۇغچاتنىڭ بىرىنچى قىشى بەكلا جاپالىق باشلاندى.
مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ئىسمائىل ھەزىم ئىسىملىك ئېگىز ۋە سۈرلۈك كەلگەن قىرغىز مۇئەللىمنىڭ تاڭ سەھەر 6 دە ياتىقىمىزغا ئۈنۈپ پۇشتەك چېلىپ، بالىلارنى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ ئەتىگەنلىك تەنتەربىيە مەشغۇلاتقا چاقىرىشى ئەمەس بەلكى ھەر كۈنى سەھەر ئۇلۇغچاتنىڭ سوغۇق قىش كۈنىدە جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق سۇدا يۈز-قولنى يۇيۇش ۋە ئەتىگەنلىك مەشغۇلاتتىن كېيىن نۆۋىتى بويىچە 500-600 مېتىرچە ئارىلىقتىكى ئاشخانىغا بېرىپ بىر چىلەك قىزىق چاينى 10 گىردە بىلەن قوشۇپ ئەكېلىش ھەمدە مەشكە ياتاقداشلارنىڭ دىتىغا ياققىدەك ئوت قالاپ ياتاقنى ئىسسىتىش ئىدى. مۇشۇنداق ئىشلاردا كالامپايراق بولغانلىغىم ئۈچۈن ياكى ياتاقنى دېگەندەك ئىسسىتالماي خىجىلچىلىق تارتاتتىم ياكى 12 ياشلىق كىچىك بەستىم بىلەن چايلارنى كۆتۈرۈپ ياتاققا كەلگۈچە يولدا نەچچە رەت چېلەكنى قويۇپ، بەزىدە ئىشتانلىرىمغا قىزىق چاينى تۆكۈۋېلىپ جاپا تارتاتتىم. ئەمما ئوغۇل بالىلىقىمغا ئېلىپ تېشىمغا چىقارمايتتىم. ئاشۇنداق چاغلاردا ئوقۇماي قايتىپ كېتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن تۇرۇشنى ئويلايتتىم-يۇ ئەمما دادامنىڭ ئاچچىغلىنىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم، دادامنىڭ "ياخشى ئوقۇمىساڭ، ئىستىقبالىڭنى ھازىردىن باشلاپ ئويلىمىساڭ، كېيىن مۇنۇ مەيدانغا لايىق، كەتمەن كۆتۈرۈپ، ئېرىق چېپىپ، ئورمان قويغىنىغا 80 كوي مۇئاش بېرىدىغان ئىشچىلىق خىزمەتمۇ تاپالمايسەن، قارا، بىزمۇ 17-18 ياش چېغىمىزدا ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ زىيالى ياش بولۇپ ئاقتۇنىڭ خانتېرەك دېگەن يېرىگە چىققان، نى جاپا كۈنلەرنى كۆرگەن، مانا مەن ئوقۇپ قاپتىكەنمەن، مۇشۇنچىلىك كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، سەن تېخىمۇ چوڭ ئوقۇشۇڭ كېرەك، كېلەچەكتە سېنىڭ بالىلىرىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرىدىغان بولىدۇ" دەپ ئارىلاپ -ئارىلاپ بېرىپ تۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، تەربىيەلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە تەكرارلىنىپ، ئۆزۈمگە غەيرەت بېرەتتىم.
يېڭى سېلىنىۋاتقان بىنالارنىڭ پۈتمەسلىك سەۋەبى بىلەن بىز "6-يىللىق ئا" سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەسلەپكى بىر نەچچە ئاي ئۆزىمىزنىڭ ياتىقىنى سىنىپ قىلىپ دەرس ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدۇق. مۆلچەرىمچە، شۇ چاغدىكى سىنىپىمىزدا 50 چە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. پارتىلاردا 3-4 تىن ئولتۇرۇپمۇ پاتماي ئاستى-ئۈستىلىك كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە، خۇددى دەرەخكە قونۇۋالغان قۇشقاچلاردەك قونۇۋېلىپ دەرس ئاڭلايتتۇق.
ئورمانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك، ناھىيەلىك بالىلار بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ"ئورمانلىقلار" دەپ ئاتايتتى. بىز "ئورمانلىقلاردىن" شۇ يىلى تولۇقسىز بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار "6-يىللىق ئا سىنىپ" يەنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقا كىردۇق. (6-يىللىق ب ۋە ك سىنىپلار قىرغىز ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغچاتنىڭ چەت چەگراسىدىكى كونا ئۇلۇغچات، ئوقسالىر، جىغىن دىگەن يايلاقچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىدىن خېلى بار ئىدى).
ئوقۇش باشلىنىپ بىر ئايلار چامىسىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئەدەبىيات دەرسىدە بولغان مۇنداق بىر ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
بىز ئاشۇ ۋاقىتلىق سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. ئۇيغۇر-قىرغىز قاتارلىق قەرىنداش مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسى پەنلەردىن بىزگە دەرس ئۆتەتتى. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى "ئەبەيدۇللا" دەيدىغان 40 ياشلار چامىسىدىكى ئاق-سېرىق، چاچلىرى خېلىلا چۈشۈپ كەتكەن ئادەتتە جىمغۇر يۈرۈيدىغان بىر مۇئەللىم ئۆتەتتى. دەرسلىك پروگراممىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بويىچە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ئاۋالقى ئايدا، ئاندىن ئەدەبىيات دەرسى كەيىنكى ئايلاردا ئۆتۈلۈدىغان بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. مېنىڭ ئەدەبىياتقا قىزىقىشىم مانا مۇشۇ گرامماتىكا دەرسىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشتىن باشلاندى.
ئۇلۇغچات ناھىيە ئىچىدىن كەلگەنلەر - "شەھەرلىكلەر"، بىزگە قارىغاندا شوخراق، گەپلىرى يوغانراق كېلەتتى، بولۇپمۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەممىدىن شوخ ئىدى. بىر قېتىملىق گرامماتىكا دەرسىدە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر مۇئەللىمنىڭ بالىسى ئازراق كەپسىزلىك قىلىۋىدى، ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ دىققىتى شۇنىڭغا چۈشتى-دە ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
--سەن دەپ باقە، ئۇرغۇ دىگەن نىمە؟
--ئۇ، ئۇ، ئۇرغۇ دىگەن ساۋاقدىشىم (پارتىدىشىم) تىرنىغىنى تاتىلاشتىن باشقىنى بىلمىدى.
تۇيۇقسىز مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كېلىپ كەتتى. "-شۇنچىۋالا ئوغۇل -قىزنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرەلمىسە سەت-دە". شۇنىڭ بىلەن مەن بېشىمنى پارتىغا چۆكۈرۈۋېلىپ
ئاستا ئۇنى نوقۇدۇم ۋە كونسىپىكتىن ئۇنىڭغا تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدىم. مېنىڭ بۇ قىلغىنىم خۇددى "قۇلاقنى يوپۇرىۋىلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغاندەك" ئىش بوپتۇ. نەتىجىدە، ئەبەيدۇللا مۇئەللىم بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ.
--سەن، سېرىق شەپكە تۇرە ئورنىڭدىن، ئالدىغا چىقە.
نۆۋەت ئەمدى ماڭا كەلدى.
--بىلىدىغان ئوخشايسەن، دەپ باقە، "بوغۇم " دىگەن نىمە؟
قىيامەت قايىم. مەن ئۇنى نەدىن بىلەي. 40-50 ئادەمنىڭ ئالدىدا ، مۇئەللىمنىڭ يېنىدا سالپىيىپ تۇرماقتىن باشقىنى قىلالمىدىم، خىجىلچىلىقتا چېكىلىرىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.
--نەچچىنچى نومۇرسەن؟
-34-نومۇر.
-ئولتا، نومۇرۇڭ نۆل.
نۆل دىگەن ئوقۇغۇچى تىلىدا "تاۋاق، تۇخۇم" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق، شەرەپسىز تۇخۇم ئالدىم. شۇ ھامانلا كۆزۈمگە دادامنىڭ سۈرلۈك قىياپىتى كېلىپ كەتتى ۋە ئىختىيارسىز يىغا تۇتتى. راست-دە، مەن ئوقۇيمەن دەپ يىراقتىن كېلىپ جاپا تارتىۋاتسام، ئاتا-ئانامغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ كەچكىچە پەرىشان بولدۇم. لېكىن يەنە ئۆزەمگە "بۇ بىر دەرسخانىدىكى سىناق، ئالدىمدا چارەكلىك، مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلار بار، ھازىردىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇش قىلىشىم كېرەك" دەپ تەسەللى بەردىم. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، كىچىك تۇرۇپلا تاماكا چېكىشكە باشلىغانلارنىڭ پاراڭلىرىغا ، قارتا ئويۇنلىرىغا قېتىلماي ئۈگۈنۈش قىلغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتىم.
تىل-ئەدىبىيات دەرسى ھەر كۈنى بىر سائەتلا ئۆتىلەتتى. ئەتىسى مەن دەرسكە تولۇق تەييارلىق بىلەن كىردىم.
مۇئەللىم ئادىتى بويىچە يوقلىمىدىن كېيىنلا ئالدىنقى كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسنى ئۈگۈنۈپ كەلگەن-كەلمىگەنلىگىمىزنى سورىدى، ھەممەيلەن دېگۈدەك "ھەئە" بىلەن جاۋاپ بەردۇق. ئاندىن ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆتۈلگەن دەرستىن سوئال سورىۋىدى، مەنلا قول كۆتۈردۈم.
"ھە سەن دىگىنە". مەن ئالدىرىماي ئېنىق قىلىپ جاۋاب بەردىم.
--ياخشى، ياخشى-- دىدى مۇئەللىم. "-- قانچىنچى نومۇر؟
-34-نومۇر.
100- نومۇر.
شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈنكى نۆلنىڭ يېنىغا 100 چۈشتى.
مانا بۇ ماڭا غايەت زور ئىلھام بولدى. شۇندىن كېيىن مەن ھەر كۈنلۈك دەرسنىڭ ئالدى-كەينىنى دىگۈدەك ئۈگۈنۈپ كېلىدىغان، ھەر قېتىملىق سوئالغا تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدىغان بولدۇم، بۇنىڭغا يارىشا، مۇئەللىممۇ ماڭا 100 نومۇرنى ئايىماي قويۇۋېرىدىغان بولدى. ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە. ھەتتا شائىر مەھمۇت مۇھەممەدنىڭ تولۇقسىز -1 يىللىق گرامماتىككا دەرسلىگىگە مىسال ئۈچۈن تاللاپ ئېلىنغان شېئىرى:
خوشاللىققا بەلگە ئەمەس كۈلكىلا،
كىشى خوشال بولۇۋەرمەس كۈلسىلا.
دېگەن شېئىرىنى ئۇرغۇلۇق ، ئىنتوناتسىيەلىك ئوقۇپ بېرىش، يادلاپ بېرىش تەلىۋى بويىچە ئورۇنلىغىنىم ئۈچۈنمۇ بىر نەچچە رەت يۈز ئالغىنىم ئېسىمدە.
مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن، ئەبەيدۇللا مۇئەللىم مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرماي "ئورمان باتۇرى" دەپ ئاتايدىغان ۋە يېقىملىق ھالدا "سىلى " ئاھاڭىدا گەپ قىلىدىغان بولدى.
دەرسلەردە چىڭراق سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باشقىلار جاۋاب بېرەلمىگەندە ئاندىن ماڭا دەيتتى:
--ھە، ئورمان باتۇرى سىلى بىر دەپ بېقىڭلا.
ئۇيغۇر گرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولۇپ، ئەدەبىيات دەرسىگە كۆچكەندە يەنە مۇنداق بىر ئىش بولدى.
شۇ يىللاردا تولۇقسىز 1-يىللىقلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىگىنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن روسىيەلىك مەسەلچى ئا. ئى. كرىلوف نىڭ "يوپۇرماق ۋە يىلتىزلار" دەيدىغان مەسېلى بار ئىدى. ئاشۇ دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندا ئوقۇتقۇچى بىزگە مۇنداق سوئال قويدى.
--بۇ مەسەلدىكى يوپۇرماق نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يىلتىز نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
ئۇ بىر نىمە دەپ، بۇ بىر نىمە دەپ باقتى. بۇ قېتىم مەن قول كۆتۈرمىدىم، مەقسىدىم ئەڭ توغرا جاۋابنى بەرمەكچى بولغان ئىدىم. ھېچكىمنىڭ جاۋاب بېرەلمىگىنىنى كۆرۈپ ئاندىن قول كۆتۈردۈم.
ھە ئورمان باتۇرى سىلە دەپ بېقىڭلا. --مېنىڭچە دېدىم مەن، "يوپۇرماق شاخقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ شاختا بولىدۇ، يىلتىز كۆتەككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كۆتەككە تۇتاشقان بولىدۇ". --"ھاھا...ھا ئورمان باتۇرى جاۋابىڭلا توغرا ئەمەس،-- دەپ كۈلۈپ كەتتى ئانچە جىق كۈلمەيدىغان ئەبەيدۇللا مۇئەللىم، -- جاۋابىنى مەن دەپ بېرەي". --يوپۇرماق ئەزگۈچى، پارازىت سىنىپقا، يەنى بۇرجۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يىلتىز ئېزىلگۈچى سىنىپ، جاپاكەش پرولىتارىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
مەن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغان ئىدىم شۇ چاغدا. ئەمدى ئويلىسام 11-12 ياشلىق كاللام بىلەن ئۇ چاغلاردا بۇ خىل جاۋاپلارنى بىرەلمەيدىكەنمەنتۇق، چۈنكى مەن ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ئوزىنىمۇ غۇۋا چۈشۈنىدىكەنمەن.
ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ شېئىرىيەتكە ھەۋىسى بولسا كېرەك (ئاڭلىسام مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاز-تولا ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ئىكەن)، ئۇ بىزنى شېئىرى ئىجادىيەتكە ئىلھاملاندۇراتتى. مەن ئاشۇ خىل ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە شېئىريەتكە ئىشتىياق باغلاشقا باشلىدىم.
بۇ ھەقتە بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق ئىككى ئىش ھېلىمۇ ئەسىمدە:
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى يەنە بىر تۇرايىمدا.
يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم قائىدىلىرى - [قامچا - شاخچا]
2010-10-03
يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم قائىدىلىرى
ئەزىز قىرىنداشلىرىم، مېنى كەچۈرۈڭلار !
Canada نى 加拿大 دەپ يېزىشنى ئۆگەتكەن چاغدا، مۇئەللىمدىن - خەنزۇ تىلىدا «كا» سۆزى بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قەستەن ئۆزگەرتىپ جانادا دېمەي، كانادا(卡拿大) دېسە بولمامدۇ؟ - دېگەن سۇئالىمغا، - ھەرقانداق بىر تىلدا سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان سۆزلەرگە نىسبەتەن ئۆزىگە خاس بەلگىلىمىسى بولىدۇ، چەتتىن كىرگەن سۆزلەر شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئاتىلىدۇ، - دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى، شۇ گەپنى ئاڭلىغىنىمغا 30 يىل بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئېسىمدىن پەقەت چىقمىدى. بىزدىمۇ خەخنىڭكىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتمىگەندىمۇ ئۆز تىلىمىزدىكى قانۇنىيەتلەرگە ماسلاشۇرۇپ قوبۇل قىلىدىغان بىرەر قايىدە باردۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم، بۈگۈن تاسادىبىي ھالدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەكرارلاش ماتېرىيالىنى شۇنداقلا ۋاراقلاۋېتىپ تۆۋەندىكى

جەدۋەلگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بىرچاغلاردا نەسرۇللا يول بولدىنىڭمۇ ياكى خەمىت تۆمۈرنىڭمۇ ۋە ياكى رىۋەيدۇللا XXX نىڭمۇ ئېسىمدە يوق، داڭلىق بىر تىلشۇناسنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ژورنىلىنىڭ 80- يىللاردىكى بىر سانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن بىرىكىپ كىلىشى ھەققىدىكى ماقالىسىدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇش سوزۇق تاۋۇشسىز كەلمەيدۇ، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارقىمۇ - ئارقا كەلگەن سۆزلەر ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئەمەس، بۇ چەتتىن كىرگەن(ئاساسلىقى ئەرەپ، پارس) سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونىتىكىلىق قايىدىلىرىگە زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلدى، ... دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم.
ئىككى خىل تىل(خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە)دىكى چەتتىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىشتىكى يۇقۇرىقىدەك پەرق، سېلىشتۇرما ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بولغاچ، «يۇمشاق باش» تىلىمىزنىڭ ئەسلىدىن، نەسلىدىن بۇ قەدەر يىراقلىشىشقا قاراپ «تەرەققىي» قىلا دەپ ئويلىماپتىمەن. بىز چەتتىن كىرگەن سۆزلەردىكى F ئۈچۈن ئاتايىتەن «ف»نى ئارتۇقچە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتەلىگەن بولغاندىن كېيىن، يەنە تايىنلىق بىزنىڭ ئۆزىمىزگە لازىم بولمايدىغان ئەمما چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەلەرگە لازىم بولىدىغان Cغا ئوخشاش نۇرغۇن ھەرپلەر ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە باش قاتۇرۇپ، «ھەرپلىرىمىز»گە چىكىتتىن بىرنى ئارتۇق قويۇپ، بىرمۇنچە ھەرپلەرنى ئىجات قىلىپ، ھەرپلىرىمىزنى كۆپەيتىۋەتمەي، ئۆزىمىزدە بارىنى ئىشلەتكىنىمىزگە(مەخسۇس Cنى ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر ھەرپنى ئىجات قىلماي، Kغا ئىشلەتكەن «ك»نى ئىشلەتكىنىمىزگە) شۈكرە دېسەم بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم(ئۇنداق بولمىغاندا 加拿大نى بىرسىمىز «كانادا» شەكلىدە يازىمىز دېسەك، يەنە بىرىمىز ياق ئېنگىلىزلار «Xانادا» تەلەپپۇزىدا يازىدۇ، شۇلارنىڭ يۇرتى بولغاندىكىن، شۇلارنىڭ يازغىنى بويىچە يازايلى، دەپ، ئۆزمىزنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئۈچۈنمۇ بىرمۇنچە تالاشما قىلىپ يۈرە بولغىيمىتۇق؟) .
مەن تىلىمىزنى بۈگۈن چۈشەندىم، چەتتىن قانداق بىر سۆزنى ئەكىرمەكچى بولساڭلار، ھىچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماي، خۇددى ھىچقانداق دەرۋازىسى يوق ئۆيگە نەرسە ئەكىرگەندەك ھەرقانداق نەرسىنى خالىغانچە ئەكىرسەڭلەر بولىۋېرىدىكەن. يېڭى - يېڭى قايىدىلەرنى چىقىرىپ، ئىگىسى يوق جىرىمنى ھەممە ئۆتكۈنچى ئۇلاغلار غاجىلاپ باققاندەك، ھەتتا تىلقۇرىما(گرامماتىكا) قايىدىلىرىمىزنىمۇ غاجىلىتىپ(ئۆزگەرتىپ، يېڭىلاپ) تۇرالايدىكەنمىز. شۇڭا «ئاندرويد» ئۈچۈن بىرمۇنچە ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن.
نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: gulen ، ۋاقتى: 2010-9-21 08:31
تىلكومنىڭ بىكىتىكىنىمۇ ئىلمىي ئەمەس، ئىتىراپلىق ئۆلچەم قويالمىغاچقا بىزمۇ مۇشۇ چەتتىن كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ قانداق ئوقۇلىشى ھەققىدە مۇنازىدە قىلىۋاتىمىز. مەنچە ئەسلى ئوقۇلىشىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ فونېتىك قائىدىسىگىمۇ زىت قىلماي بىر ئىش قىلساق. مەسىلەن خەق ئىسمىنى جورج دەۋاتسا، بىز قوپۇپ گېورگى دەۋالساقمۇ بولمايدۇ. ئۇيغۇرچە دېگىنى بولىدىغان قىلمىساق ھامان ئىگىلىزچە بىلمىگەن ئادەم ئۇنى ئىنگىلىزچە ئوقۇمايدۇ. .............. شۇڭا ئۇيغۇرغا يات سۆزنى ئەسلىسى بويىچە دېگۈزىمەن دېيىش خۇددى مىڭ يىل ئۆزلەشمىگەن ف تاۋۇشىنى ئۆزلەشتۈرىمەن دېگەندەك ئاۋارىچىلىق.
------------------------------------------------------------------------
ساۋادى كەم چىققان ئادەملىرىمىزنىڭ ئەمەس، ھەتتا مەلۇم ئۇنۋانغا ئىگە بولغان، توردىن پايدىلىنالايدىغان «مەدەنىيەتلىك» ئادەملىرىمىزمۇ قوبۇل قىلغىلى نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان شالغۇت بوغۇم قايىدىسى ABBنى ئۆلچەم بويىچە يازماي، ئەزەلىي بار يەرلىك قايىدە ABAB شەكلىدە يېزىشى، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ گېزىت - ژورناللارغا ئىبەرتكەن يازمىلاردىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلىكىدىن مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ تولا قاقشىشى، ھەتتا نوپۇزلۇق گېزىت ژورناللىرىمىزدىمۇ ئىملا - خاتالىقىنىڭ توختىماي يۈزبېرىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ قايسى بىر يازمىدا "ئىملا خاتالىقى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان تىل - ئۇيغۇر تىلى" دېگەن سۆزنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك راس بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مۇشۇنداق سۆزنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللارنى قانچىلىك تەتقىق قىلىپ كۆردۇق؟ ئاددى پاكىت سۈپىتىدە مۇشۇ مۇنبەردىنمۇ ياكى Googleدىنمۇ ئادەتتىكى ئەڭ كۆپ قوللۇنىدىغان سۆزلەردىن «خەلىق»، «دەرىس» دەپ ئىزدەپ باقساق، بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. چەتتىن قوبۇل قىلغان سۆزنى چەتنىڭ ئىملا قايىدىسى بويىچە ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئىملا قايدىسى بويىچە قوبۇل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ھەمدە ئاشۇ شالغۇتلاشقان ئىملا قايىدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاپىراتسىيە قىلىپ، تەكرار ئىملا قايىدىسى تۈزۈشكە خاتىمە بېرەلەيمىز.
سۆزۈمنى تىل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىدىكى مۇنۇ ئىنكاسى بىلەن تاماملايمەن:
نەقىل:
Qoyuqluq dégen sözge kelsek, lughette rastla ashundaq, shundaq bolsimu uni ölük halda asas qiliwélishim toghra bolmighan. Uni mushundaq "emeliyet"lerde tüzitip ishletsek, "nezeriye"ge asas bolghusi. Imlada mende azraq hökümetsizlik bash kötürgili turdi, chünki tilkomning imla özgertish sür'itige özleshtürüsh sür'itim yétishelmigili turdi, shunga toghra kelgende "menpeiti" démey "menpeeti" dep jahilliq bilen éliwatimen
.
قىرىنداشلار يۇقرىدىكى سۆزلىرىمنى مۇھاكىمە قىلىپ باققاي.
خەتكۈچ:
ئەڭ ئاخىرقى دەرس - [نادىر ئەسەرلەر]
2010-10-01
ئەڭ ئاخىرقى دەرس

دائۇدېت(Alphonse Daudet)
ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكە ناھايىتى كېچىكىپ باردىم، كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپ ناھايىتى قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى، لېكىن مەن ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى!
بۇلبۇللار ئورمان چېتىدە يېقىملىق، چاك-چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭ كەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيە ئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەر پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامان مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
بازار مەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇستىكى مەغلۇبىيەت، سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەر خىل بۇيرۇقلىرى قاتارلىق يامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى. مەن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ئويلىدىم.
تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەن بىللە كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:
ــ ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!
مەن، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدىم.
ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەكتەپتە دەرس باشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى. پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن قۇلقىنى ئېتىۋېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرس يادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈر پالاقنى ئېلىپ، پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
مەن ئاشۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيال قىلغاندىم؛ لېكىن ئاشۇ كۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇق دېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندى بولسا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، قولتۇقىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقى تۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەن نائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا جىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقا كىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قانىچىلىك دۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!
لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى. خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
ــ تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىك فرانىس، دەرسنى باشلايمىز، سېنى كۈتمىدۇق،- دېدى.
مەن ئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپ تىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىق بايراملىق مايسىرەڭ كىيمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالىستۇك تاقاپ، بېشىغا چۆرىسى كەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپە كېيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇ كېيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقان كۈنلەردىلا كېيەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ جىددىيلىك قاپلىغانىدى. مېنى ھەممدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقا تەرەپتىكى ھامان بوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچە ئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازار باشلىقى، ئىلگىرىكى پوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم- قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر ئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭا سۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتىۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋە لوتارنگىيدىكى مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەتە يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنى ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازار مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنى مۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە! بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇن ئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپ قۇشقاچ ئۇۋىرىلىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائار دەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم... مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخ قاتارلىق دەرسلىكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم. ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددى قەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، خەنمەير ئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن! مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يىگەن تاياقلىرىمنى ئۇنتۇدۇم.
بىچارە ــ بايقۇش!
ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى دەرسنى خاتىرلەش ئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپكە پات- پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەك بولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندا بىردىنلا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەر قېيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋە قىلچە خاتاسىز ھالدا باشتىن-ئاخىر ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن- بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:
ــ مەن سېنىمۇ ئەيبلىمەيمەن، شاكىچىك فرانىس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە. ھەممەيلەن ھەر كۈنى: «ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگۈنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدى نەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: «قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر!. ..» دېسە، ھەقلىق. بىراق، بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىز ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.
- سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، ئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات-پاتلا دەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...
ئارقىدىن، خەنمەير ئەپەندى ئۇ ئىش- بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيىتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپ گرامماتىكىنى ئۆتتى. ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنى ھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپ قويغۇسى، مېڭىمىزگە بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.
گىرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى، شۇ كۈنى، خەنمەير ئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى، ئۈلگىدە «فرانسىيە»، «ئىلزاس»، دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلار بار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرى پارتىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك بايراقلىرى سىنىپتا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلىك دېققەت بىلەن بېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى، سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەز ئۈستىدە شىتىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ، ئۇلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دېققىتىنى بۇرمايتتى، ئۇلار تاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغاندەك ئىخلاس بىلەن زېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ-گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، بۇ كىچىككىنە دەرسخانىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزى قىيماي، ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالدا مۇشۇ يەردە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭ كىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلگەن پارتا- ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخى ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پىچەك گۈلى بۈگۈنكى كۈندە دېرىزىنى ئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارە ئادەم مانا مۇشۇلارنىلا ئويلىغاندا، ئەمدى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈك- تاقىلارنى يىغۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىن مەڭگۈگە ئايرىلاتتى.
لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنى ئاخىرىغىچە ئۆتۈپ بولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنپلارغا «با، بە، بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. دەرسخانىنىڭ ئارقا قاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككى قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغا ئەگىشىپ قوشۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى. ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇ ئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!
بىردىنلا چىركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىم سوقتى، ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى ــ ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى. خەنمەير ئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭا ھېچقاچان مۇنداق بەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.
ــ مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،- مەن... مەن...، - لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.
ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ، قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ- چوڭ قىلىپ:
ــ ياشىسۇن فرانسىيە! ــ دېگەن خەتلەرنى يازدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ، شۇ جايىدىلا تۇرۇپ قالدى، لام- جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسى قىلدى:
ــ دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار!
بۇ ھېكايە 1873 - يىلى يېزىلغان. 1871 - يىلى پرۇسىيە - فىرانسىيە ئۇرۇشى پارتىلىغان. پىرۇسىيە قوشۇنلىرى فىرانسىيە زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئېلزاس، لوتارىنگىيە قاتارلىق فىرانسىيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زىمىنىنى بېسىۋالدى. فىرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. فىرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېت (1840 _1897) بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەم بۇ ھېكايىنى يازغان. ھېكايىدە ئىشخالىيەت ئاستىدىكى ئىلزاس رايونىدىكى بىر باشلانغۇچ مىكتەپتە فىرانسۇس تىلى ئوقۇتىشىنى چەكلەپ، نېمىس تىلىنى ئوقۇتۇشىنى جاكارلىغانلىقى تېما قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فىرانسۇس تىلى ئوقۇتۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق فرانسىيە خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىى، باسقۇنچىلارغا بولغان نەپرىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇ يازمىنىڭ ULY نۇسخىسى: http://hi.baidu.com/qutlan/blog/item/547bc5146b9c920f203f2e4e.html
يانفۇن كىتابى: http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=115506
خەتكۈچ: ئاخىرقى دەرس
نەسىردىن ئەپەندىم ئامېرىكىدا - [ئوقۇڭ - ئاڭلاڭ]
2010-10-01
ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى» دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:
ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.
ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.
خەتكۈچ:
ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى(2) - [ماتېماتىكا - ساقىش]
2010-10-01
ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى
ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ماتېماتىكىنى ياخشى ئوگەنگىلى بۇلىدۇ؟ ماتېماتىكىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇنۇملۇك فورمىلالىرى بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇنى ئۆگىنىشتە ئۇنىڭ ئوزىدە بىرلىككە كەلگەن، ئورتاق قوللىنىشقا بولىدىغان بىرەر مۇقىم فورمىلا(ئۆگىنىش ئۇسۇلى)يوق. لېكىن، ئۆگىنىشنىڭ قانۇنيەتلىرىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق بىر پەننىڭ ئۆزىگە خاس ئۆگىنىش ئۇسوللىرى بۇلىدۇ. بۇئۇسۇللارغا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. ماتېماتىكا قاتتىق پىرىنسىپچانلىققا ئىگە ئىلىم بۇلۇپ، بىپەرۋالىق قىلشقا بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەردىن ھەم دادىللىق بىلەن يىڭىلىق يارىتىش روھى بۇلۇشنى ھەم ئىھتىياتچان ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ماتېماتىكىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە سەل قاراپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىلا سەۋەپنى ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈپ، ماتېماتىكىدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەردە كورۇلىدۇ: 1. ئاساسىي قائىدە - قانۇنيەتلەرگە ئىتىبارسىز قاراپ، نەزىرىيىۋى ئاساسلارنى تۇلۇق ئىگەللىمەيلا، يېرىم - ياتا چۇشىنىۋالغان مىساللار بويىچە، دورامچىلىق بىلەن مەسىلە ئىشلەشكە بېرىلىپ كىتىدۇ- دە، مەسىلىنى خاتا ئىشلەپ قويىدۇ ياكى ئىشلىيەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر قانچە قېتىم يۇز بەرگەندە، ئۆز - ئۆزىدىن ئۇمۇدسىزلىنىپ، «مىڭ تىرىشساممۇ ماتېماتىكىنى ئۆگىنەلمىگۇدەكمەن.» دەپ، ماتېماتىكىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. 2. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئاساسى بىلىمنى مۇستەھكەملەيدىغان ئاددىي مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇپ، ماغدۇرى يەتمەيدىغان، زۆرۈرىيىتى بولمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە ۋاقتىنى زايا قىلىپ، ھىچنېمىگە ئېرىشەلمەي، ئۆزىنى قابىلىيەتسىز ھېسابلاپ تىرىشماس بۇلۇپ قالىدۇ. 3. فورمىلا، تېئورما ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە بىۋاستە ماس كىلىدىغان ئاددىي مەسىلىلەرگىلا قانائەتلىنىپ، مېڭە ئىشلەتسە ھەل قىلالايدىغان، شەكلى ئوزگەرتىلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ۋە ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى قېيىن كۆرۈپ ئىشلىمگەنلىكتىن، ئىگىلەشكە تىگىشلىك ئاساسىي ماھارەت تۇلۇق يىتىلمەيدۇ - دە، بارا - بارا ماتېماتىكىدىن زىرىكىش ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. 4. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاخىرىغىچە كوڭۇل قۇيۇپ ئاڭلىماي، ئوزىگە قالتىس ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئىنچىكە تەرەپلەرنى بايقىيالمايدۇ. دەرس ئارلىقىدا ئازراق چۇشىنەلمىگەن جايلىرىنى ئوقۇتقۇچىدىن سورىماي، ياكى دەرىستىن چىققاندا چۇشىنىۋىلىشقا قالدۇرۇپ تۇرماي، دەرس تۇگىگىچە شۇ بىر مەسىلىنى ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دىققەت قىلسىلا چۇشۇنۇپ كىتەلەيدىغان بىرمۇنچە لىكسىيىسىگە كۆڭۈل قويمايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن مەسىلىلەرنى ئويلىمىغان يەردىن خاتا ئىشلەپ قۇيۇپ، نەتىجىسىگە تەسىر يېتىپ، روھى جەھەتتىن بوشاڭلىق قىلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ماتېماتىكىدىكى خۇلاسىلەرنىڭ توغرىلىقىنى فىزىكا، خىمىيە، ئاستىرونومىيە ۋە بىئولوگىيە، فىزىلوگىيە، مېدىتسىنا پەنلىرىدەك تەجرىبىگىلا تايانماستىن، پەقەت لوگىكىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىش يولى ئارقىلىق تەكشۇرگىلى ياكى ئىسپاتلىغىلى بۇلىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكىنى ئۆگىنىش باشقا تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىشكە قارىغاندا ئاسانراق، ماتىماتىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە قەلەم، قەغەزدىن باشقا ئاددىي سىزىش ئەسۋاپلىرى بولسىلا كۇپايە. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە، دەرس ئاڭلىغاندا پۈتۈن دىققەتنى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىر سۆز، جۇملە ۋە ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەرنى تۇلۇق چۇشىنىۋىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ماتېماتىكا كىتاپلىرىنى ئوقۇغاندا رومان ياكى ھىكايىلەرنى ئوقۇغاندىكىدىنمۇ ئەستايىدىل بۇلۇپ، ھەربىر جۇملە ۋە ئابزاس بويىچە پىكىر قىلىپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، قەغەز، قەلەمنى ئىشقا سېلىپ، ئېرىنمەي مەشىق قىلىپ، مىڭە ئىشلىتىشكە تۇلۇق ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە ماتېماتىكا مودىللىرىنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇپ، شائىرانە خىسلەتنى يېتىلدۈرۈپ، مىڭە ئىشلىتىشكە، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشقا جۇرەت قىلالىساق، ئوبىكتىپ دۇنيانى كۈزۈتۈپ، مۆلچەرلەش، قىياس قىلىش، ئۆگەنگەن نەزىرىيىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلۈكسىز تۈردە شەيئىلەرنىڭ ئارىسىدىكى يوشورۇن سىرلارنى بايقىيالايمىز. بۇ سىرنى ئېچىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بۇلىدۇ. نامى ھازىرغىچە ئۆچمىگەن، بۇنىڭدىن 12ئەسىر بۇرۇنقى بىر ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئىتالىيىلىك ئالىم ئارخىمىد بىر كۇنى يۇيۇنۇش ئۈچۈن مۇنچىغا كىرىپ، ۋاننىغا لىقمۇ - لىق سۇ تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا كىرىشىگە، ۋاننىدىكى سۇنىڭ بىرقىسمى دەرھال سىرتقا چىقىپ كەتكەن، بۇ ۋاقىتتا ئارخىمىد ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كۆپ قىتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، «ئارخىمىد قانۇنى»نى ئوتتۇرغا قويغان. ئارخىمىد كۈزۈتۈشكە، قىياس قىلىشقا، مىڭە ئىشلىتىشكە ۋە ئەقلىي خۇلاسىگە ماھىر بولمىغىنىدا، مۇنچىدىكى ئىشقا ئىرەن قىلمىغان، بۇ قانۇنيەتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولاتتى. شۇڭا ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتە مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، قەغەز، قەلەمنى ئىشقا سېلىپ، ئېرىنمەي مەشىق قىلىپ، زىرىكمەي شەكىل سىزىپ، تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل، ئەستايىدىل ئىشلەپ تۇرساق، ئوقۇۋاتقان مەزمونلارنى ئوڭايلا ئوزلەشتۇرۇپ كىتەلەيمىز. كىتاپتىكى ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدىكى بىرەر جۇملە ياكى بىرەر ئابزاس سۆزنى دەرھال چۇشىنىپ كىتەلمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق، پەقەت سەۋرىچان بولغىنىڭىز ياخشى. ھەش-پەش دېگۈچە بىرەر سۆز ياكى بىرەر ھەركەت بىلەنلا ئاجايىپ ئەقىللىق ئادەم بۇلۇپ قىلىشنى ئۇمۇد قىلماستىن، ئۇزلۇكسىز ئۆگىنىپ، بىلىمىمىزنى بارا-بارا تۇلۇقلاپ، ئومومي يۈزلۈك يېتىلىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. ماتېماتىكا پىرىنسىپچانلىق كۇچلۇك ئىلىم بولغىنى ئۇچۇن، بەزى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن خۇلاسىلەر ھەرقاچان، مۇقەررەر توغرا بولىۋەرمەيدۇ. ماتېماتىكىنىڭ تارماقلىرى لوگىكىلىق ئاساستا راۋاجلانغا چقا، ماتېماتىكىدىكى خۇلاسىلەرنىڭ توغرىلىقىنى پەقەت لوگىكىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىش يولى بىلەن ئىسپاتلىغىلى بۇلىدۇ. ماتېماتىكىلق خۇلاسىلەرنى ئىسپاتلاشتا، لوگىكىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، كۇرمىڭلىغان مىسال كەلتۇرگەن بىلەن، بۇ خۇلاسە مۇكەممەل خۇلاسە بولا لمايدۇ. ئەمما، بىرەر خۇلاسىنىڭ ناتوغرىلىقىنى كورسىتىپ بېرىشتە بىرلا مىسال كۇپايە. مەسىلەن: 4=2x2=4, 2+2 1/2+4=3+3/2 ,1/2+4=3/2x3 1/3+5=4+4/3 ,1/3+5=4/3x4 1/4+6=5+5/4 ,1/4+6=5/4x5 ................. ئېنىقكى، بۇ مىسال ئارقىلىق، «ھەرقانداق ئىككى ساننىڭ كوپەيتمىسى، شۇ ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ» دەپ، يەكۈن چىقىرىشقا ھەرگىزمۇ بۇلمايدۇ ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىمەن دەيدىكەنمىز، دەرسلىك كىتاپ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەتراپلىق ماتىرىيال كۆرۈپ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر خىل مەسىلىنى ئىمكان قەدەر كوپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشلەپ كۆرۈپ، بىر قىسىم مەسىلىگە، بۇلۇپمۇ تېئورمىلار ۋە ئۇنىڭ ئىسپاتلاش جەريانلىرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي تەھلىل يۇرگۇزىشىمىزگە، ئۇقۇملار ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى بىلىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇسقا تەڭ دەيمىز. ئەمما، ئۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى خېلى كۆپ ساۋاقداشلار ئېنىقلاپ بېرەلمەيدۇ. بىز بىر تۈز سىزىقنىڭ يېيىق بۇلۇڭ(180گىرادۇس) ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما، بىر ئۈچبۇلۇڭ بىلەن يېيىق بۇلۇڭنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپىگە دىققەت قىلمايمىز. ئەگەر بىز تۆۋەندىكىدەك بىر ئۇچبۇلۇڭنى ئۇچ چوققا بۇلۇڭلىرى بويىچە ئۈچ پارچە قىلىپ، ئۇچ بۇلۇڭنىڭ چوققا نۇقتىسىنى بىر نۇقتىدا جىپسىلاشتۇرساق، بىر تۈزسىزىق (يېيىق بۇلۇڭ) ھاسىل بولۇپ، مەسىلە روشەن ھەل بۇلىدۇ.

(سول تەرەپتىكى ئۈچبۇلۇڭنى رەڭ پەرقى بويىچە كېسىپ، ئوڭ تەرەپتىكىدەك جىپسىلاڭ)
بىر مۇرەككەپ ھەم قېيىن ماتېماتىكا سۇئالى ئۇچرىغاندا، ئالدىراپ- سالدىراپ قارىسىغا سىناپ باقاي دېمەي، مەلۇم ۋە نامەلۇم شەرتلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئوزگىرىشچان سانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۇلۇق ئىگىلەپ، ئۇنىڭ قايسى تىپتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، قانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش لازىملىقىنى يىغىنچاقلاپ، تەرتىپ بويىچە يېشىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ۋاقتىدا جانلىق ئىش كۆرۈپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. كونا رامكىلار بىلەن ئۆزىمىزنى چۈشەپ، جاھىللىق بىلەن ئۆلۈك ئۇسۇللارنى قوللانساق، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، نۇرغۇن ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ئىسراپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىزغا پاسسىپ تەسىرلەرنى بېرىپ، ئۆگىنىشكە قىزىقماس بۇلۇپ قالىمىز، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرىلاپ بىز قانچە تىرىشساق سەزگۈ ئەزالىرىمىز شۇنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ. تۇتۇۋىلىش قابىليىتىمىز ساغلام ئاشىدۇ. ئابىستىراكىت تەپەككۇر قابىلىيىتىمىز تەرەققى قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقا نلىقىنى ھىس قىلىمىز.
ئاخىرىدا شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىزكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇۋىلىش قابىليىتى ئۇلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەزى تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىپ تۇرىدۇ. بىر، ئىككى قىتىملىق ئىمتىھان نەتىجىمىزنىڭ تۆۋەن بۇلۇپ قالغانلىقىغا مەيۈسلىنىپ كەتمەي، يادىكەشلىكتىن ساقلىنىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇپ، تەپەككۇر قابىليىتىمىز بىلەن تۇتۇۋىلىش قابىليىتىمىزنى ئاشۇرساقلا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.
بۇ ماقالا «مەرىپەت غۇنچىلىرى(رەھمەتلىك يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ)» 1998-يىللىق 1-سان ژورنىلىغا بېسىلغان، يەنە «قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى» 2005- يىللىق 4- سانىدا تولۇقلاپ، ئۆزگەرتىپ قايتا ئېلان قىلىندى(بۇ يەردىكىسى ئەينى چاغدىكى دەسلەپكى ئارگىنالى.)
مەن بۇ ماقالامنى ئەينى چاغدا بىلىككە يوللىغان ئىدىم، بۇ قېتىم دىسكامدىن يوقالغان يازمىلىرىمنى توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈش ئىھتىياجىدا بىلىكتىكى «يازمىلىرىم» ئارىسىدىن تاپالمىدىم، تەلىيىمگە «ئەركەم تورى»غا ئەلى ئۇيغۇر دېگەن تورداش كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەن(رەسىملىرىنى كۆچۈرمەپتىكەن).
بۇ ماقالىنىڭ ULYدىكى نۇسخىسى http://hi.baidu.com/qutlan/blog/item/81a3040cab20e9980a7b82bf.html
خەتكۈچ:
ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى(1) - [ماتېماتىكا - ساقىش]
2010-09-21
ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى
ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان
"ماتېماتىكا" گېرىكچە "ماتىما(ئىلىم-پەن)" دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىلەن سان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن «قانچنلىك؟» «قايسى ۋاقىتتا؟»، «قانچىلىك يىراقلىقتا؟»، «قانچىلىك چوڭلىقتا؟» «قايسى يۆنىلىشتە؟»، ....... دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم ئاددىي سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى بىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ «سان»نى بارماق بىلەن ئىپادىلەشنى بىلگەن چېغىدىن ئەمەس، ھەتتا «سان»لارنى خاتىرلەشنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېساپلىغادىمۇ، بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە. ماتېماتىكا ھازىرغىچە تۆت دەۋىرنى ئۆتكۇزدى. كومپيۇتېرنىڭ كەشىپ قىلنىشى بىلەن ماتېماتىكا يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرلۈپ، 5- دەۋىردە تۇرماقتا.
ئۆز تارىخىدىن ئايرىلىپ قارالغان پەنلەر ئىچىدە ماتېماتىكىدەك زىيان تارتقان پەن بولمىسا كىرەك. ھەقىقى سانلارنىڭ بىر قىسمى ئېراتسىئونال سانلارنىڭ بايقىلىشىنى مىسالغا ئالساق، ئېراتسىئونال سان مىلادىدىن ئىلگىرى 6- ئەسىردەبايقالغان بولۇپ، بۇ ساننىڭ بايقۇغۇچىسى گىرىتسىيىلىك مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى پىفاگورنىڭ شاگىرتى مىببىس ئىدى. پىفاگور ئەينى ۈاقىتتا "پۇتۇن سان بىلەن كەسىر سانلارلا مەۈجۇت، بۇلاردىن سىرت بىرەر ساننىڭ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ، ھۇكۇم قىلغان ئىدى. پىفاگورنىڭ شاگىرتى مىببىس ئىجدىھاتلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى، ئۆز دەۋرىدىكى ماتماتىكىلىق بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىۋىتىپ ئۇستازىنىڭ بۇ كۆز قارىشىدىن گۇمانلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ بىرىلىپ تەتقىق قىلىپ، خۇلاسىلەپ، گۇمانىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ، پۈتۈن سان ۋە كەسىرساندىن باشقا يەنە سانلارنىڭ بارلىقىنى شەرھىيلەپ، پىفاگورنىڭ قانچە قارشىلىق كورسەتكىنىگە قارىماي، پىفاگورنىڭ سان ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى دادىللىق بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پىفاگورچىلارنىڭ سان توغرىسىدىكى ئاساسلىرىنى تەۋرىتىۋەتتى. ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولغان نەرسە بەزى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىسىمۇ، قاتمال ئدىيە، كونا قاراشلار بىلەن تىرىكىشىپ، مۇنازىرە قوزغاپ، ھامان ئۆزىنىڭ مەۈجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ ھەم تېخىمۇ روشەنلىككە ئىگە بۇلىدۇ.
ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن زامانىمىزدىكىدەك تېز بۇلۇپ باققان ئەمەس. ماتېماتىكا گەرچە ئۇزۇن تارېخقا ئىگە، يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بىر پەن بولسىمۇ، ماتېماتىكىدا يەنىلا يېڭى چۈشەنچە، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە، تەرەققىياتى تىز ئىلگىرلىمەكتە. ھەتتا قەغەز قاتلاش ماھارىتىدىن تارتىپ، باشقا ساپ ئىجدىمائىي پەنلەرگىمۇ تەتبىقلىنىپ، ماتېماتىكىنىڭ «تىبابەت ماتېماتىكىسى»، «ماتېماتىكا ئىقتىساسشۇناسلىق»، «مۇھىت ماتېماتىكىسى»، «ماتېماتىكىلىق تىلشۇناسلىق»، «تاقابىللىق نەزىريىسى»،.......... گە ئوخشاش نۇرغۇن تارماق پەنلىرى بارلىققا كىلىپ، ئۇنىڭ تۈرى80نەچچە خىلدىن ئېشىپ كەتتى )مەن 80- يىللاردىكى كۆرگەن ماتېرىياللاردا شۇنداق دېيىلگەن، بەلكىم ھازىر ئۇنىڭدىن يەنە بىرقانچە ھەسسە كۆپۈيۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن(. مەزمونلىرى بەكمۇ چوڭقۇر، بەكمۇ مەخسۇسلىشىپ، مۇكەممەللىشىپ باردى. ئۇنىڭ ھەر كۇنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتقان يېڭى-يېڭى پىكىرلەرنى بۇ ئۇچۇر جەميىتىدىمۇ كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ تۇگىتەلىشى مۇمكىن بولمايۋاتماقتا. شۇنىڭ ئۇچۇن بۇگۇنكى كۇندە پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماتېماتىكا مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا كۈچلۈك دىئالىكتىك قۇرال بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ساھارلەرگە تەتبىقلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بارغانسىرى ئەھمىيەت بىرىشىگە سازەۋەر بولماقتا. زامانىمىز پەيلوسوپلىرىنىڭ «ماتېماتىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان دۇنيا قاراش ھازىرنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسىنىڭمۇ بۈيۈك قۇدرىتىدۇر، ماتېماتىكا پەنلىرىدىن بىرەرىنى تەتبىق قىلىش مۇمكىن بولمىغان ۋە ماتېماتىكىغا ئالاقىسى بولمىغان پەنلەرنىڭ ھىچبىرىدە زەررىچىمۇ ئېنىقلىق بولمايدۇ ۋە ئۇ مۇكەممەل پەن بولالمايدۇ.» دېيىشلىرى مۇبالىغە بولمىسا كېرەك. نېمە ئۇچۇن ماتېماتىكا شۇنداق بىر مۇھىم پەن بولالايدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنى ماتېماتىكىنىڭ تۇۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن كورۇۋىلىشقا بۇلىدۇ.
1) بىزگە مەلۇمكى، ئوبىكتىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان شەيئىنىڭ ھەممىسى سان بىلەن سۇپەتنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت. شەيئىلەردە سۇپەت بەلگىلىمىسى بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى سان بەلگىلىمىسىمۇ بۇلىدۇ. شەيئىنىڭ سان ئوزگىرىشى بىلەن سۇپەت ئوزگىرىشى زىچ باغلانغان بۇلۇپ، بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا شەيئىلەرنى كۇزەتكەندە شەيئىنىڭ ماھىيتىنى توغرا ئىگەللەش ئۇچۇن، سان جەھەتتىن كۈزۈتۈپ، تەھلىل يۈرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە«ماتېماتىكا ئەڭ ئالدى بىلەن سانلىق مىقدار ھەققىدىكى پەن بولغانلىقتىن، دىئالىكتىك ياردەمچى قورال بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.
2) تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنيەتلىرىدە دائىم دېگۈدەك ماتېماتىكىغا دۇچ كىلىمىز. مەسىلەن؛ مودىللارغا ۋە باشقا ماتېماتىكىلىق ئەگرى سىزىقلارغا دۇچ كىلىمىز. ماتېماتىكىلىق ئەگرى سىزىقلار ۋە ماتېماتىكىلىق مودىللارنىڭ كۆپچىلىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە سىمىتىرىيلىككە ئىگە بۇلۇپ، كىشىلەرگە سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاش گۇزەللىك تۇيغۇسى بىرىدۇ.
3) ماتېماتىكا باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزاق سىناقلىرىغا تىخىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. مەسىلەن: پىفاگور مىلادىدىن ئىلگىرى 6- ئەسىرىدە ماتېماتىكا بىلىملىرى ئارقىلىق رەقەملەر يارىدىمىدە كەشىپ قىلغان مۇزىكا ئۇدارى 1/2, 2/3, 3/4 لەر ھازىرقى دەۋىردىمۇ يەنىلا مۇۋاپىق كەلمەكتە.
4) ماتېماتىكا تىلى ئاممىۋىي باب بۇلۇپ، ئېنىق، ئىخچام ئىپادىگە ئىگە. شۇڭا، مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم دۇنيادىكى قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن، ساپ ماتېماتىكا تىلى بىلەن يېزىلغان ھەر قانداق بىر ماتېماتىكىلىق ئىپادىنى چۇشىنەلەيدۇ.
5) ماتېماتىكا كەڭ مەزمون، يۇكسەك ئابىستىراكىتلىققا، كۈچلۈك لوگىكىلىققا، مۇكەممەل پەلسەپە ۋە قاتتىق پىرىنسىپچانلىققا ئىگە پەن. شۇڭا ئۇ قىلچىمۇ بىپەرۋالىق، ساقتىپەزلىك ياكى سەمىمىيەتسىزلىكلەرنى كۆتۈرمەيدۇ.
6) ماتېماتىكا ناھايىتى يىراقلىقتىكى شەيئىلەرنى رۇشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ۋاستىلىق ھالدا توغرا ئۆلچەپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن؛ يەرشارى بىلەن سەييارىلەرنىڭ ئارىلىقى، سەييارىلەرنىڭ رادىئوسلىرى قاتارلىقلار.
7) ماتېماتىكا ۋەقەلىكنى ئالدىن مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن: ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ، نوپوسنىڭ مەلۇم بىردەۋىردىكى كۆپىيىش - ئازلاش ئەھۋالى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ياكى كېمىيىش ئەھۋالى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سەييارىلەرنىڭ ھەركىتىنى مۆلچەرلەش قاتارلىقلار.
8) ماتېماتىكا كەڭ دائىرىلىك ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، مۇتەخەىسسلەرماتېماتىكىنى باشقا پەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنى باشقا پەنلەرنى ماتېماتىكا بىلەن يۇغۇرۇپ، يۇقىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشمەكتە.
ماتېماتىكىنىڭ مانا بۇ ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنى «ماتېماتىكا پەنلەرنىڭ بېگى ۋەقۇلى» دېگەن تۇنۇشقا ئىگە قىلماقتا. شۇڭا، بۈگۈنكى بۇ ئۇچۇر جەميىتىدە ھەممىمىز ماتېماتىكلاردىن بۇلۇپ كىتەلمىسەكمۇ، ھازىرقى دۇنيانى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ھەربىر كىشىنىڭ ئازدۇر - كوپتۇر ماتېماتىكا بىلىملىرىنى بىلىشىنىڭ زورورلىكى مۇئەييەنلەشتۇرۈلمەكتە. ئەنگىليىلىك ئەرباب جونسۇننىڭ «بۈگۈنكى بۇ كومپىيوتىر دەۋرىدە بەلگىلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولماي تۇرۇپ، جەميەت ئىھتىياجىغا ماسلىشىش مۇمكىن ئەمەس. ھۆكۈمەت خادىملىرىمىز بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا مۇرەككەپ، يېڭى نۇقتىنەزەرلەرگە تولۇپ تاشقان ئاقىلانە قارارلارنى چىقارماقچى بولىدىكەن، چوقۇم بەلگىلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن بۇلۇشى زۆرۈر.» دېگەن يەكۈنىنى ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى تەربىيلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەمنىڭ مۇشۇ دەۋرىدىكى زىھنى قۇۋۋىتى ئەڭ كۈچلۈك، ئەستە قالدۇرۇش قابىليىتى، قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بۇلىدۇ. ئۆگىنىشتە ئالغا بېسىشى نىسبەتەن تىز بۇلىدۇ. مۇشۇ دەۋىردە ئۆگەنگەن ماتېماتىكا بىلىملىرى گويا گۈل ئۇستىگە گۈل قوندۇرغاندەك، بىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئۆتكۈر قىلىپ، تۇتۇۋىلىش قابىليىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇيالىشىمىزغا، ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى تىخىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىشىمىزغا، خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
خەتكۈچ:
ھازىرقى مەتبۇاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر(2) - [ئانا تىل- جان تىل]
2010-09-21
ھازىرقى مەتبۇاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر
ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان
ئۇيغۇرلاردا سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش ماتېماتىكا ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن قەدەمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ماتېماتىكا ئىلمىنى ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق ۋە تەقۋىمچىلىق ساھەلىرىدىمۇ كەڭ قوللانغان ۋە بۇ ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئىپتىداىي، ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەڭ كىچىك بىر ساھەسى بولغان سانلارغىمۇ نام بېرىشتە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە ئەنئەنە ياراتقان. ئەمما بۈگۈنكى دەۋېردە خەنزۇچە مەنبەلەردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم مۇھىم بانكا ۋە پوچتا - تېلېگىرافنىڭ ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلىرىدە، پەن - تېخنىكا كىتاپلىرىدا، ھەتتا ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنماستىن، ئۆلۈك ھالدا خەنزۇ خەلقىنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتى بويىچىلا ئۆلۈك تەرجىمە قىلىىدىغان، قوللىنىدىغان بىنورمال ئادەت شەكىللىنىۋاتىدۇ.
مەن تۆۋەندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن "باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئاساسىي نەزەرىيىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودى(1- قىسىم)"دىكى سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلىدا مۇۋاپىق بولمىغان بىر قىسىم ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، دەرسلىك كىتاپتا سانلارغا نام بېرىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
1. تەبىىي سانلار ئارقىمۇارقىلىقىدىكى ئالدىنقى توققۇز ساننىڭ ھەرقايسىسىغا مۇستەقىل نام بېرىلگەن. يەنى بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز؛
2. "ئونغا توشسا ئالدىنقى خانىغا بىرنى قوشۇش"قا ئاساسەن ساناش بىرلىكلىرىنى بەلگىلەش. ئون يەردە بىر ئون دېيىلىدۇ، ئون يەردە ئون يۈز دېيىلىدۇ، ئون يەردە يۈز مىڭ دېيىلىدۇ، مىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىدە ئونغا تولغاندا بىرمۇبىر يېڭى نام بېرىلمەستىن، بەلكى ئون يەردە مىڭ ئون مىڭ دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە ئون مىڭ يۈزمىڭ دېيىلىدۇ. يۈزمىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىگە يېڭى نام بېرىلگەن، ئۇ، ئون يەردە يۈزمىڭ مىليۇن دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە يۈز مىلىيۇن بىر مىليارد دېيىلىدۇ؛ مىلياردتىن كېيىنكىلىرى ئون مىليارد، يۈز مىليارد، ترىليۇن دېيىلىدۇ ۋە باشقىلار.
3. باشقا تەبىىي سانلارغا نام بېرىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى توققۇز سان بىلەن ساناش بىرلىكلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ.
بۇنداق نام بېرىش ئۇسۇلى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەت خەلقلىرىگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مىللەتلەر(ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش)گە مۇكەممەل نام بېرىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ. يەنى يۇقارقى ئۇسۇل بىلەنلا سانلارنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا يۈز ئىچىدىكى پۈتۈن ئونلۇق سانلارغا باشقا مىللەت خەلقلىرىدىن پەرقلىق ھالدا مۇستەقىل نام بېرىلگەن بولۇپ، بىر يەردە ئون ئون دېيىلىدۇ، ئىككى يەردە ئون ئىككى ئون دېيىلمەستىن يېگىرمە دېيىلىدۇ؛ ئۈچ يەردە ئون ئۈچ ئون دېيىلمەستىن ئوتتۇز دېيىلىدۇ؛ تۆت يەردە ئون تۆت ئون دېيىلمەستىن قىرىق دېيىلىدۇ؛ .......... توققۇز يەردە ئون توققۇز ئون دېيىلمەستىن توقسان دېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ ناملارمۇ يۇقارقى قاىدىنىڭ ئىككىنجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى لازىم ئىدى. بۇ مۇستەقىل بىر قاىدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ياكى ئىتراپ قىلىنمىغاندا يۇقارقىلار ئارقىلىقلا سانلارنى مۇكەممەل ئوقۇغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 85697450328 يەنى "سەكسەن بەش مىليارت ئالتە يۈز توقسان يەتتە مىليۇن تۆت يۈز ئەللىك مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز" دىكى "سەكسەن"، "توقسان"، "ئەللىك"، "يىگىرمە" دېگەن ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بانكا ۋە پوچتا - تېلېگراپ ئىدارىلىرىدىكى ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلەرنىڭ سېستىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ قىرىق بەش يۇەن دېيىشنىڭ ئورنىغا "تۆت ئون بەش يۇەن"، توقسان سەككىز پۇڭ دېيىشنىڭ ئورنىغا "توققۇز ئون سەككىز پۇڭ" دېگەندەك بىمەنە "ئۇيغۇرچە" سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز.
شۇڭا، ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەبىىي پەن كىتاپلىرىنى ئىشلىگەندىمۇ مىللەتنىڭ ئۆز خاسلىقىغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، خەلقنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئۇيغۇن بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
بىزنىڭ تىلىمىزدا سانلارنىڭ ئون مىڭلىقىنى بىلدۈرىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كەلگەن مۇستەقىل مەنىگە ئىگە "تۈمەن" دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىكى"万" بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىدى، لېكىن ھازىر بۇ تەۋەرۈك سۆزىمىز تەرجىمە فىلىملىرىدە "تۈمەن مىڭ يىللار ياشىغايلا" دېگەندەك ئىبارىلەردە قوللانغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، مەتبۇاتلىرىمىزدا كۆزگە چېلىقماي ئىستىمالدىن قېلىپ، ياش ئەۋلاتلار ئاڭلىسىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقۇلۇپ كەتمەي، داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن دەرسلىك ياكى پايدىلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلىشىنى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ئاز - تولا قوللۇنىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەسىلەن:
7468950000七十四亿六千八百九十五万零零零零_نى يەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن دەپ؛ 7468953201七十四亿六千八百九十五万三千两百零一_نى يەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز بىر دەپ ئوقۇشنىمۇ بىرگە قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.
يۇقارقىلار مېنىڭ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
رەقەملىرىمىزنى ئۆز تىلىمىزدا ئاتاش ھەققىدىكى ئويلۇرۇم
ھازىر قانداق بىر ئادەمدىن تېلېفون ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ نۇمېرىنى سورىسىڭىز، كۆپ ھاللاردا ئۇ ئادەم كىچىك بالىدىن تارتىپ ھەتتا بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى، ئالىي مەكتەپنىڭ پروپپىسورى بولغان تەقدىردىمۇ، خەنزۇچە ناملار بىلەن دەپ بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ھالنى باشقا بىر مىللەت كۆرسە، بۇ مىللەتنىڭ لۇغىتىدە رەقەمنى ئىپادىلەيدىغانغا سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قىلىشى تەبىىي. بۇ ھال ھازىرقىدەك تېلېفۇن بىلەنلا چەكلەنسىغۇ مەيلىتى، ئاخىرى بېرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرگە باشتا ئاددى قاراپ، ھازىر سۆزلىرىمىزدىن قايسىسىنىڭ ئەرەپچە، قايسىسىنىڭ پارىسچە ئىكەنلىگىنى ئايرىغىلى بولمىغاندەك (ھەتتا بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بەسەي"نى خەنزۇچە نېمە دەيدۇ؟ دەپ سورىغىنىدەك) ئاقىۋەت كىلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىمىز بىزگىچە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن رەقەملىرىمىزمۇ خۇددى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە شۇنچە ئېسىل ھەر ساھەدىكى باشقا مەدەنىيەتلىرىمىزگە ئوخشاش بارا - بارا يوقۇلۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
مېنىڭچە تېلېفۇن نۇمېرىنىڭ ناملىرىنى ئاتىغاندا نۇمېرنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرقانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئاتىساق، قوللۇنۇش، ئەستە ساقلاش ئەپلىك بولارمىكىن دەيمەن. ھازىر رايۇنىمىزدا تېلېفون ئۈچۈن يەتتە خانىلىق سان قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى شۇ جاينىڭ تەۋەلىك نۇمېرىنى بىلدۈرسە، كېيىنىكى تۆت خانىسى شۇ تېلېفونغا خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مۇشۇنداق ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئاتالغاندا يېزىش، ئەستە ساقلاش ئاسانلىشىدۇ. مەسىلەن، 8515454نى "سەككىز يۈز ئەللىك بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز ئەللىك تۆت (ياكى ئەللىك تۆت - ئەللىك تۆت)"، 2520302نى "ئىككى يۈز ئەللىك ئىككى، نۆل، ئۈچ يۈز ئىككى(ياكى نۆل ئۈچ - نۆل ئىككى)، 6780009نى "ئالتە يۈز يەتمىش سەككىز، نۆل- نۆل- نۆل(ياكى ئۈچ نۆل) توققۇز" دەپ ئاتىساق.
ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا "" يانفۇنى كۆپ قوللىنىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى 138 كۆچمە تېلېفون خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تۈر نۇمېرى، كېيىنكى ئىككى خانىسى 99 نىڭ ئۆزىگە خاس نۇمۇر، كېيىنكى ئىككى خانىسى رايۇن خەرەكتىرلىك نۇمۇر، ئاخىرقى تۆت خانىسى كارتا ئىگىسىگە خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مانا مۇشۇ تۆت بۆلەكنى ئاساس قىلىپ ئاتىساق. مەسىلەن: 13899115487نى "بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، ئون بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز سەكسەن يەتتە" دەپ، 13899865495نى "بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، سەكسەن ئالتە، بەش مىڭ تۆت يۈز توقسان بەش" دەپ ئاتىساق، باشقا يانپۇن، چاقىرغۇلارنىڭ نۇمۇرلىرىمۇ مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئاتالسا، مۇۋاپىق بولار دەپ قارايمەن.
چەتئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش توغرىسىدا قىرتاق خىياللىرىم
تارىخىمىزدا گەۋدىلىك ھالدا ئەرەپ تىلىدىكى، پارس تىلىدىكى، روس تىلىدىكى، خەنزۇ تلىدىكى ۋە ئاخىىرىدا ئىنگىلىز تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ھەرقايسى دەۋرلەردە زىيالىلىرىمىز ئارقىلىق لۇغىتىمزنى "بېيىتىپ"، "سەمىرىتىپ" كېلىۋېتىپتۇ. نەتىجدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقانداق بىر ئاددى جۈملىسىدىمۇ يۇقارقى تىللاردىن خالىي بولغان بىرەر جۈملىنى تاپقىلى بولمىغىدەك ھالغا يېتىپتۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنى ئويلىغان ۋاقتىىمىزدا ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە زىيالىلىرىمىزدىكى مەن - مەنلىك، بىلەرمەنلىك، كۆز - كۆز قىلىش سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن، يېقىنقى دەۋېرلەردە بولسا يۇقارقى ئۇدۇمدىن باشقا ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەتنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇنى بېرىلىپ تەتقىق قىلماسلىق، چەتتىن كىرگەن يېڭى شەيئىلەرگە تەدبىقلىيالماسلىق، تەييارغا ئەييار بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇش خاشى ھۆكۈم سۈرگەن بولىشى مۇمكىن. يېقىنقى دەۋېرلەردە بولسا بىر قىسىم تونۇلغان زىيالىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ چەتئەل تىللىرىغا بولغان ھېرىسلىقى، ئۇنىڭ مەنا قاتلاملىرىغا بولغان تونۇشىنىڭ يۇقۇرىلىقى،ئانا تىلىنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ ئەبزەللىكىنى كۆرمىگەنلىكى، چەتئەل تىللىرىنىڭمۇ يەنە نۇرغۇن كەم تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالمىغانلىقى سەۋەپلىك ھە دىسىلا بىزنىڭ تىلىمىز پەن - تېخنىكىغا ماس كەلمەيدىكەن، بىزنىڭ تىلىمىز يېرىك ئەسەرلەرگە ماسلشالمايدىكەن، پوكونى سۆزنىڭ مانچە خىل مەنىسىنى تولۇق ئېچىپ بىرەلمەيدىكەن دېگەندەك نەزەرىيەلەرنى تور ۋە مەتبۇات قاتارلىق تاراتقۇلەردە ئوچۇقتىن ئوچۇق تارقاتماقتا ھەم لۇغەت تەركبىمىزدە چەتئەل تىللىرىنى تېخىمۇ ئاۋۇتماقتا. بىرقىسىم ئۇلەدىكى تور بەتلىرىگە قارايدىغان بولساق يېڭى تىما، جاۋاپ يېزىش، پۈتۈك قاتارلىقلارغىچە ئېنگىلىزچە ئاتالغۇدا ئېلنغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېلىشىدىكى سەۋەپ، ئېنگىلىزچىدىكى شۇ سۆزنىڭ بارلىق ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تولۇق، ئەينەن پادىلەپ بېرەلمەسمىش.
ئەگەر بىر تىلدىكى بىر سۆز يەنە بىر تىلدىكى بىر سۆزنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇ چەتئەل سۆزىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، نېمە ئۈچۈن ئېنگىلىزلاردا ئاكا بىلەن ئېنىنى پەرقلەندۈردىغان شۇنداق مۇھىم بىر سۆز يوق تۇرۇپ، ئۇلار چەت تىللاردن ئاكا، ئېنى دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلماي قېرىنداش دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ؟ بىزنىڭ تىلىمىزدا دەل - دەرەخنىڭ جەمەتلىرى بولغان جىرىم، كۆچەت، غول، شاخ، بادرا، شىۋېق، شوپۇڭ، خە، جەگە، ۋاسا، ئوتان، تارشا، شېشىق، تەمەچ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلىرىمىزگە باشقا تىللاردا سۆز تېپىلمسا، ئۇلار ئۇيغۇر تلىدىن بۇ سۆزنى قوبۇل قىلارمۇ ياكى مەنىسى دەل كەلمىىسىمۇ ئۆزىدە بار بولغان بىرەر سۆز بىلەن ئىپادە قىلارمۇ؟
كومپيۇتېر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا كومپيۇتېر دېگەن بۇ سۆز بار بولغىيمىتى ياكى بۇ ئۈسكىنە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بۇ سۆز ياسالغانمۇ؟ مەلۇم شەيىي بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۇلار شۇ شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن سىم قويغان بولىشى مۇمكىن، بىزمۇ ئىزدەنسەك، تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئىستىمىسەكلا ھەرقانداق بىر سۆزنى ياسيالىشىمىز تامامەن مۇمكىن. ياسىيالمساق تىلىمىزغا ماس كىلىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر ياسىغان سۆزدىن پايدىلانساق ياكى قوبۇل قىلساق، ئاتايىتەن ئۆگىنىپمۇ ئەستە ساقلىغىلى بولمايدىغان سۆزلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كۆپ ياخشى بولۇر ئىدى. مەسىلەن، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يېڭى چىققان مەزگىللەردە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دېگەن بۇ پويىزدەك ئۇزۇن نامغا كىشىلىرىمىز تازا كۆنەلمەي، ھەرخىل تەلەپپۇز بىلەن خەنزۇلارمۇ ئۇقالمايدىغان ئاتالمىش خەنزۇچە ئاتاپ كەلگەن ئىدى، تۈرۈكچىدىن كىملىك دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرالايدىغان، ئاغزىنىڭ يۈگىنى ئۆزئىلكىدىكى كىشىلىرىمىزگە ئىسمىي - جىسمىغا لايىقلاشقان بۇ نام شۇنداق يېقىپلا كەتتى.
ئالدىنقى بىر يىلىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم ئېلىكترۇنلۇق پوچتا يوللانما بولغان ئە_ماىلنى ئېلخەت دەپ ئاتىۋىدى، ھازىر كۆپ قىسىم توربەتلىرىدە، مەتبۇاتلاردا بۇ ئىسىم ۋە بۇ ئىسىم ئۆزئىچگە ئالغان مەنىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتى.
يازمامنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمانلىرىمىزدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى خاتا قوبۇل قىلغان "پاراشوك" سۆزى بىلەن كىشىلەر ئاللا قاچان ئەستىن كۆتۈرىۋەتكەن تالقان سۆزىنى تىرىلدۈرگەن مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن "ئارمان" شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن.
بۇ ماقالا قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى جورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 3- سانىغا ۋە قۇمۇل ئەدەبىياتى جورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 5- سانىغا قىسقارتىپ بېسىلغان.
(تامام)
بۇ يازمامنىڭ ULY دىكى نۇسخىسى: http://hi.baidu.com/qutlan/blog/item/731781eeebd1c2ded539c9b0.html
خەتكۈچ: مەتبۇئات، ئانا تىل
ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر(1) - [ئانا تىل- جان تىل]
2010-09-09
ھازىرقى مەتبۇاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر
ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان
"كونا" تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغا نەزەر
مەن يېقىندىن بېرى لۇغىتىمىزدىكى "تەنتەربىيە"، "تەختىراۋان"، "ساتما" دېگەندەك سۆزلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسىدىن قارىغاندا خېلى بۇرۇنلا لۇغىتىمىزدە بولسا كېرەك، ئەگەر بۇ سۆزلىرىمىز لۇغىتىمىزدە بولمىغان بولسا، ھازىر نېمە دەپ ئىسىم قويۇشىمىز بىر مەسىلە ئوخشايدۇ، ئالايلى، "تەنتەربىيە" دېگەن بۇ سۆز ئېيتماقتا شۇنداق ئاددىيلا تۇرىدۇ، بۇ سۆزنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىخچام ئاتىلىشى بولغان، ھازىر لۇغېتىمىزدىن يوقىلاي دەپ قالغان "تەن" سۆزى بىلەن، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى، بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نادانلارنى يامان يولدىن توسۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىلىم مەنىسىدىكى، ھازىرقى سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا "پېداگوگىكا" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز "تەربىيە"دىن تۈزىلىپ، ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ئىخچام بىر لۇغەت بولۇپ تۇرماقتا، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ھازىرقى دەرسلىمىزنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا بىرەر پەننىڭ مۇشۇنداق ئەپلىك قويۇلغان بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ماتېماتىكىغا "ساقىش" دەپ ئىسىم قويغان ياكى "تەنتەربىيە" سۆزى بارلىققا كەلگەن دەۋرلەردە ھازىرقى زامان ئېلىملىرى بارلىققا كەلگەن بولسا، ئېھتىمال ئۆز لۇغىتىمىزدە بۇ ئىلىملەرگىمۇ سۆز مەنىسىدىنلا نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان "ساقىش تەربىيە" پىسخولوگىيەگە "خۇيتەربىيە" دېگەنلەردەك مۇۋاپىق ئىسىم قويۇلغان بولغىيمىدى دەپ ئويلايمەن.
"تەختىراۋان" سۆزىنى ئاپىراتسىيە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، "ئوردا" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان "تەخت" سۆزى بىلەن، ئىش- ھەرىكەتنىڭ توسالغۇسىز داۋاملىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان "راۋان" سۆزىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆزمۇ ئەينى دەۋردىكى قاتناش قورالىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇنداق ئويلايمەنكى، ئەينى چاغدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك مەخسۇس تىل يېزىق ئىدارىلىرى بولمىغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋردىكى قاتناش قوراللىرى بىلەن ئۇچرىشالىغان بولسا، بىزگە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مىراس بولغىدەك "كۆكتە راۋان"، "سۇدا راۋان"، دېگەندەك ياخشى ئىسىملارنى قويۇپ بىرەر بولغىيمىدى، مېڭىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نەرسىگە تىز سۈپىتىنى قوشۇپ خاتا ھالدا "تىز سۈرەتلىك يول(تىز ماڭىدىغان يول)" دېگەندەك ھەم ئۇزۇن ھەم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان خاتا ئىسىملارنى قويۇپ يۈرمەي، ماڭغۇچىلار توسالغۇسىز يۈرەلەيدىغان يول دېگەن مەنىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان "راۋان يول" دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ بېرەرمىتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزغا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇامىلە قىلغانكى، قوغۇنلۇقنى خەۋەر ئالىدىغان كەپىگىمۇ ئاددىيلا "كەپە" دېمەي، كەپىدىن پەرقلىق ھالدا "ساتما" دەپ ئىسىم قويغان، ئۆزى شۇغۇللانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق ئىخچام، مەنىسىنى ئىزاھسىزلا بىلگىلى بولىدىغان ئىسىم- ناملارنى قويۇپ، مىراس قالدۇرالىغان.
ھايۋانلارنىڭ چوڭ -كىچىكلىك، جىنسى، تۇرارجايى ۋە گەندىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلاردىكى شۇنچە ئىنچىكە پەرقلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز، مەسىلەن ھايۋانلاردىكى جىنسى پەرقىنى مىسالغا ئالساق، چىشى جىنسىدىن ساغلىق، ئىنەك، مېكىيان، .... ئەركەك جىنسىدىن قوچقار، بۇقا، خوراز، .... قاتارلىقلار. چوڭ - كىچىكلىك پەرقىدىن قوزا، موزاي، باچكا، .... قاتارلىقلار. تۇرار جايىدىن مىسالغا ئالساق ئېغىل، قوتان، قۇما، كاتەك، ....... قاتارلىقلار. گەندىسىدىن مىسال ئالساق، تېزەك، ماياق، موندىلەك، قىغ، مەرەز، ..... دېگەندەك ئىنچىكە پەرقلەرنى كۆرىمىز، بۇنداق ئىنچىكە پەرق ھازىرقى تەرەققى قىلدى دەپ قارىغان خەلقئارالىق تىللاردىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەپسۇس ھازىرقى پەن- تېخنىكا شۇنداق تەرەققى قىلغان، تەشۋىقات قوراللىرى مۇكەممەل، ھەرخىل ئورگان، ئەپىراتلار تولۇق بولغان بىر دەۋردە بولسا، لۇغىتىمىزدىن يېقىنقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان "تىزگىنەك"، "كىملىك" ۋە "ئۇ"ئالغۇ، "بۇ"ئالغۇلاردىن باشقا كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا خىزمەت ياكى كەسىپ نامىنى بىلدۈرىدىغان مەشقاۋۇل، باقاۋۇل دېگەن سۆزلىرىمىزدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە "ئاۋۇل"دىن پايدىلىنىشنىمۇ ئويلىشالمىدۇق.
كومپيۇتېر مەتبۇاتچىلىقىدىكى تىنىش بەلگۈلىرىنىڭ ئورنى
مەن تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىم بولمىغىنىم ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىگە داىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزنىڭ "پەش"، "چىكىت"لىرىمىز، جۈملىلەرنى توغرا ئوقۇش، مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، يېزىقلىرىمىزدا كۆپ قوللىنىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنىڭ قويۇلۇش ئورنى توغرىسىدا بىرەر بەلگىلىمە بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئىلگىرى قوغۇشۇن مەتبەچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئورنى كېيىنكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇننىڭ ئالدىدا قويۇلاتتى، ئۇلارنىڭ يېزىقىمىزدىكى رولى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسى جەھەتتىنمۇ شۇنداق قويۇلغېنى توغرا ئىدى. ئەمما، ھازىرقى گېزىت- جورناللاردا بولمىسۇن ياكى خېلى چوڭ شەھەرلەردىكى تەشۋىقات، ئېلان تەختىلىرىدە بولمىسۇن كېيىكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇن بىلەن بۇ بەلگىلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىلىۋاتىدۇ، يەنى كېيىنكى سۆزگە بۇ بەلگىلەر چاپلىشىپ يېزىلىپ، بوش ئورۇن بولسا، بۇ بەلگۈلەرنىڭ ئالدىغا كىلىپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: " ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە، پارىسچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان." دېگەن جۈملە "ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە ،پارىسچە ،رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان ."غا ئوخشاش پەش، چىكىتلىرىمىز كېيىنكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ، بوش ئورۇندىن كېيىن يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىرەر بەلگىلىمە يوقمۇ ياكى بەلگىلىمە بولسىمۇ بەلگىلىمىنىڭ توغرا ئىجراقىلىنىشىنى تەكشۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئورۇن، شەخس يوقمۇ بىلمىدىم.
بىرقىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ھەققىدە تەۋسىيە
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىنى قويۇپ قويىدىغان ياكى يېغىن سەھنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرەلەرنى بىرقىسىم ماتېرىياللاردا "مۇنبەر" دەپ ئېلىنىۋاتقان بۇ سۆز مېنىڭچە نوقۇل ھالدا شىرەنىلا كۆرسەتمەستىن، شۇ شىرە تۇرغان ئورۇننىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇقۇم جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، نۇتۇقنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇتۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ سايمانغا تولۇق ماس كىلىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان سۆز ياسىغۇچى "دۇق"نى قوشۇپ، "نۇتۇقدۇق" دەپ ئېلىنىشىنى ئويلىشىپ كۆرسەك.
بالىلار باغچىسىدا پەرزەنتلىرىمىز ئوينايدىغان ئىككى ئويۇنغا مەن ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەيلا ئىككى ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ ئىسىمنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى سەزگۈر كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئۇ ئىسىم: "لۆم - لۆم پالاس"، "دوق - دوق ماشىنا".
موتوسىكىلىت مىنگەنلەر يېڭى سېتىۋالغان موتۇسىكىلىتىغا "بۇ موتو تېخى مولا قىلىنىپ بولۇنمىغان" دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ يەردىكى مولىنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇيغۇر تىلىدا پىچاق چاقىلىغاندا، چاقلاپ بولۇپلا بۆلەيدىغان ئادەت بار، بۇنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەپ ئاتايدۇ، مېنىڭچە قىلاتىنى ئېلىش دېگەن سۆز سىلىقلاش دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك، موتۇسكىلىتنى مولا قىلىش دېگەن سۆزمۇ تىلىمىزدىكى قىلاتىلاش ياكى ئېغىز تىلىدىكى قىتلاش دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنىدە بولسا كېرەك، شۇڭا "مولا" قىلىش دېگەن سۆزنى "قىتلاش" ياكى "قىلاتىلاش" دەپ ئالساق دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنى "تىل ۋە تەرجىمە(ھازىرقى كۆۋرۈك)" جورنىلىنىڭ قايسىبىر سانىدا "كەمپۈتەر" دەپ ئېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن، بۇ ئاتالغۇ خەلقئارا ئاتالغۇ "كومپيۇتېر" بىلەن ئاھاڭداش بولۇپلا قالماي، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمتەرەپلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلىپتىكەن، بىراق بۇنداق ئوبرازلىق ياخشى نام ئومۇملاشتۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى.
كەمپۈتەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كەمپۇتەر بىلەن يانداش ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئۈسكىنىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمىغا دېگىدەك يېڭى ئىسىم قويماي ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ناملار بىلەنلا ئاتاپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇلارغا تىلىمىدىكى سۆز ياسىغۇچى ئەبزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم ياسىغان بولساق تامامەن ياسىيالايتۇق، بىراق ئىسىم ياسىمىدۇق ياكى پىكىر ئادىتىمىزگە ئۇيغۇنلىشىش ياكى ئۇيغۇنلىشالماسلىقى بىلەن ئويلاشماي، قارىغۇلارچە خەنزۇچىدىن خەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلدۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇن ئىسىملارنى خەلق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدى. مېنىڭچە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم ياساشتا تەرجىمىنى مەقسەت قىلماي ۋاستە قىلىپ، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىسىم ياسىساق ئاقىلانىلىق بولارمىكىن دەيمەن. مەسىلەن: قەغەز يۈزىدىكى رەسىم ياكى خەتچەكلەرنى نۇسخىلاپ سايىسىنى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدىغان ئۈسكىنە(سىكانىر)گە ئىش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە نەرسىلەرگە ئىسىم ياسىغۇچى "لىغۇچ" بىلەن سايىنى قوشۇپ "سايىلىغۇچ"، ئۇنىڭ خىزمىتىنى "سايىلاش"، مەھسۇلاتىنى "سايىلانغان"، ..... دەپ ئىسىم قويساق تامامەن مۇمكىن ئىدى.
بىر قىسىم ئۇزۇن ئىسىملارنى ياساش ۋە ئىخچاملاشتا بۇرۇنقى تىلىمىزدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئومۇملىشالمىغان، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىرقىسىم ئالاھىدە سۆزلەردىلا قوللىنىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىرخىل ئۇسۇل: "سۆزلەرنى قىسقارتىپ بىرىكتۈرۈش" ئۇسۇلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك، بىرقىسىم ئۇزۇن سۆزلەرنى چەتتىن ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان پايىزدەك ئۇزۇن ئىسىملارغا ھاجەت قالمايتتى دەپ قارايمەن.
ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياسىغاندا ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىخچاملاپ، بېرىكتۈرگەن ئىكەن، مەسىلەن: ئوت + ئالغۇچ = ئوتىغۇچ، شىرىك + ئەت = شىركەت، ساق + ئىش = ساقىش، دىرەپ + تىشە = دىرەپشە، دېگەندەك، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلھامى بىلەن يېقىنى دەۋىرلىرىمىزدىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىخچام ھالدا "ئوبكوم"، "ۋېلكوم"، "ناكوم" دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. چەتنىڭ بىزگە ماس - كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولساقمۇ، بىزدىمۇ ئەزەلدىن بار بولغان ھەم چەت تىللاردا خېلى تەرەققى قىلغان بۇ ئۇسۇلنى ھازىر بىزگە قوللىنىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ ئېرەن قىلمايۋاتىمىز. مەكتىپىمىزدە تاللانما، پاالىيەت دەرسى دەيدىغان دەرسنىڭ ئۇزۇن نامىنى مەن ئىخچاملاشتۇرۇپ دەرس سەتكىسىگە "تاللىيەت" دەرسى دەپ ئالسام، تىزلا ئومۇملاشتى. توردۇنياسىدىمۇ يۇمتال، ئېلخەت، ئېلكىتاپ، ئېلئەسەر، .. دېگەندەك سۆزلەرمۇ خىلى ئومۇملىشىپ قالدى، شۇڭا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
مەن بۇ ماقالامنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئىلھامىي بىلەن بىرقىسىم تورداشلار "جۇۋاۋا"غا ئۈگرە، چۈچۈرە دېگەن تاماقلىرىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تاماقنىڭ ئېتىلىش ئالاھىدىلىكى بويىچە "تۈگرە" دەپ، "سومەن"گە "قورىماچۆپ"، پىنتوزىغا "ماشئۈگرە(بۇ ئەسلىدىمۇ بار ئىدى)"، لەڭپۇڭغا "لىغىرداق" دېگەندەك شۇنداق قاملاشقان ئىسىملارنى قويۇپتۇ. بۇنى تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.(ھازىر تۈگرە دېگەن سۆز كىنولاردىمۇ خىلى دېيىلىدىغان بولدى.)
تەرجىمانلىرىمىزدىكى بىرقىسىم سەھۋەنلىكلەر
ئاتا بوۋىلىرىمىز باغۋەنچىلىك ساھەسىدە ئەينى دەۋرلەردە دۇنياۋى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، باغۋەنچىلىك ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن تىل بايلىقلىرىمىز تەتقىق قىلىنىشنى، ھازىرقى دەۋر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، شىنجاڭ قەدىمىي مىۋە - چىۋە ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرخىل مىۋە كۆچەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ مىۋىللىرىگە پەرقلىق ئىسىم قويۇپلا قالماي، ھەربىر مىۋىنىڭ تۈرلۈك خىللىرىغىمۇ پەرقلىق ناملارنى قويۇپ كەلگەن. مىۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇتۇلغان مىۋىلەرگىمۇ ئۆزگىچە ناملارنى قويغان. ئەپسۇس بىرقىسىم تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدە ئەسلى مەنبەدىكى تىل ئادىتى بويىچە ئۆلۈك ھالدا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ، تىل بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي، ياشلىرىمىزنىڭ تىل ساپاسىنى تۆۋەنلىتىشكە سەۋەبكار بولۇپ قالدى.
مەسىلەن، ھازىر مەتبەلىرىمىزدە بولمىسۇن، ياشلىرىمىزنىڭ ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن قۇرۇتۇلغان مېۋە بولسىلا "قاق" دەيدىغان خاتا ئۇقۇم ئومۇملاشماقتا. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە "قاق" سۆزى پەقەت شاپتۇلنىڭ قۇرۇتىلغېنىغىلا قارىتىلاتتى، ئۆرۈكنىڭ قۇرۇتىلغېنىنى "ئۆرۈك قېقى" دەپ ئاتىماستىن "گۈلە"، ئۈجمىنىڭكىنى "ۋاسالغۇ"، ئۈزۈمنىڭكىنى "يىمىش" دەپ ئاتايتتى.
يۇقارقى مەسىلە ھازىر ئاددىيدەك بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارالغاندا خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە مەتبەلىرىمىزدە بايتال، بوتىلاق، تەخەي، چۈجە، دەمدا، ئېرىكلارنى ئاتنىڭ چىشىسى، تۆگىنىڭ بالىسى، ئېشەكنىڭ بالىسى، توخۇنىڭ بالىسى، كەپتەرنىڭ چىشىسى، ئەركەك قوينىڭ پېچىۋېتىلگىنى دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىپ قالارمىزمۇ دېگەندەك ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشمەي تۇرالمايمىز.
خەتكۈچ: مەتبۇئات، ئانا تىل
- 共1页 1